Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 28:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئەي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى مازاق قىلغۇچىلار، يەنى يېرۇسالېمدا خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 28:14
16 Referans Kwoze  

زالىملار يوقىلىدۇ، مازاق قىلغۇچىلار ۋەيران بولىدۇ. يامانلىققا ھېرىسمەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىشىدۇ.


مازاق قىلىشنى توختىتىڭلار، بولمىسا سىلەرنىڭ بوينۇڭلاردىكى زەنجىر تېخىمۇ چىڭىيدۇ. ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا: «بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىش بېكىتىلىپ بولدى!» دېدى.


ئەي، سودوم ھۆكۈمرانلىرىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ باشلىقلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي، گومورا خەلقىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!


«قۇلاق سېلىڭلار، ئەي مېنى مازاق قىلىۋاتقانلار! ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ ئۆلىسىلەر! چۈنكى، مېنىڭ زامانىڭلاردا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى كۆرگىنىڭلاردا، كىشىلەر ئۇنى سىلەرگە چۈشەندۈرسىمۇ، ئىشەنمەيسىلەر!»


پادىشاھ زىياپەت بەرسە، ئەمەلدارلىرى قاتتىق مەست بولۇشۇپ، رەزىللەر بىلەن تىل بىرىكتۈرىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر چۆلدەرەپ قالىدۇ، ھەتتا ئېسىل سارايلارمۇ ئادەمسىز قالىدۇ.


مازاقچىلار قۇترىتىپ قالايمىقانلاشتۇرار پۈتۈن شەھەرنى، بىراق ئاقىللار ياندۇرار قەھر-غەزەپنى.


ئۇ مەسخىرىچىلەرنى مەسخىرە قىلار، كىچىك پېئىللارغا شەپقەت ياغدۇرار.


_ ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقتا يۈرىسىلەر؟ ئەي مازاقچىلار، قاچانغىچە مازاق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىسىلەر؟ ئەي ئەقىلسىزلەر، قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلىنىسىلەر؟


بالىلار خەلقىمگە زۇلۇم سالىدۇ، ئاياللار ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاھ خەلقىم، يولباشچىلىرىڭلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، سىلەر گاڭگىراپ قېلىپ، توغرا يولنى تاپالمايسىلەر.


مەن يەرەمىيا يەھۇدىيە خەلقىگە مۇنداق دېدىم: «قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دېگەن.


يىھۇدى يازمىنىڭ بىرنەچچە قۇرىنى ئوقۇشى بىلەنلا، پادىشاھ ئوقۇلغان قۇرلارنى پىچاق بىلەن كېسىۋېلىپ، ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىۋەتتى. ئۇ پۈتۈن يازمىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ تۈگەتكۈچە، شۇنداق قىلدى.


سىلەر لودىبار شەھىرىنى ئىشغال قىلغىنىڭىلاردىن پەخىرلىنىسىلەر. سىلەر ماختىنىپ: «قارنايىم شەھىرىنىمۇ ئىگىلەشكە قۇربىمىز يەتتى!» دەيسىلەر.


ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.


ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي جاھىللاشقان، ھەققانىيلىقتىن يىراقلاپ كەتكەن خەلقىم،


ئەي پاھىشە يېرۇسالېم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite