Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 28:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قىلغان سۆزلىرى ئۇلارغا «ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە» دېگەندەك چۈشىنىكسىز ئاڭلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ماڭغاندا يىقىلىدۇ، يارىلىنىدۇ، تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 28:13
14 Referans Kwoze  

بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، چۈشەنمەيسىلەر. قىلغانلىرىمغا قارايسىلەر، قارايسىلەر، مەنىسىنى ئۇقمايسىلەر.


ئۇ بارلىق خەتلىرىدە بۇ ئىشلار ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى جايلار بار. خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمى ئاز ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، ئۇنىڭ خەتلىرىدىكى چۈشىنىش تەس بولغان جايلارنىمۇ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغانلار ئۆزىگە ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ.


بۇ «تاش»~قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. «تاش» كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، شۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.


ئۇ بىزگە، ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە دېگەندەك، چۈشىنىكسىز گەپلەر بىلەن تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ؟!» دېيىشىدۇ.


زىياپىتى ئۆزلىرىگە قىلتاق بولغاي، مېھمانلىرى ئۈچۈن قاپقان بولغاي.


بۇ خۇش پۇراق ھالاك بولىدىغانلار ئۈچۈن ئۆلۈم پۇرىقى بولسا، قۇتقۇزۇلىدىغانلار ئۈچۈن ھاياتلىق پۇرىقىدۇر. بۇنداق زور ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟


خۇددى شۇنىڭدەك، داۋۇت پادىشاھمۇ ئۆز دۈشمەنلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قاپقان ۋە تور بولسۇن، ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلسۇن، جازالانسۇن!


شۇڭا مەن پەيغەمبەر ئارقىلىق سىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم، سۆزلىرىم بىلەن سىلەرنى ئۆلتۈردۈم. تاڭنىڭ ئېتىشى مۇقەررەر بولغىنىدەك مېنىڭ ھۆكۈملىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.


مەن ئۇلارغا شۇنچە كۆپ قانۇنلارنى بەلگىلىدىم، لېكىن ئۇلار بۇ قانۇنلارنى غەلىتە ھېس قىلىپ، رەت قىلدى.


بىز خۇددى قارىغۇلاردەك تامنى سىلايمىز، خۇددى ئەما ئادەمدەك ئەتراپىمىزنى ئىزدەيمىز. چۈش ۋاقتىدىمۇ پۇتلىشىمىز خۇددى شام ۋاقتىدىكىدەك، كۈچتۈڭگۈرلەر ئارىسىدا بىز خۇددى ئۆلۈك ئادەمگە ئوخشايمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite