10 ئۇ بىزگە، ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە دېگەندەك، چۈشىنىكسىز گەپلەر بىلەن تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ؟!» دېيىشىدۇ.
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قىلغان سۆزلىرى ئۇلارغا «ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە» دېگەندەك چۈشىنىكسىز ئاڭلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ماڭغاندا يىقىلىدۇ، يارىلىنىدۇ، تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلىدۇ.
چۈنكى مەن ئەجدادلىرىڭلارنى ماڭا ئىتائەت قىلىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇم. مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم.
گەرچە سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولساڭلارمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا باشقىلارنىڭ خۇدانىڭ سۆزى توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى باشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر. دېمەك، سىلەرگە يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەك.
مەن ئۈزۈمزارلىقىم ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدىم! يەنە نېمە قىلىشىم كېرەك ئىدى؟ ئۈزۈملەرنىڭ ياخشى چىقىشىنى ئارزۇ قىلغانىدىم، بىراق نېمە ئۈچۈن ئۈزۈملەر ناچار چىقتى؟
ئەمدى قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شاد-خۇرام بولۇڭلار. سىلەرگە بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرنى يەنە قايتىلاش ماڭا ئاۋارىچىلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ سۆزلەر سىلەرنىڭ قوغدىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.