Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 27:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ياخشىسى ئۇلار مەندىن پاناھلىق تىلەپ كەلسۇن. مەن بىلەن ياراشسۇن، ئۇلار مەن بىلەن يارىشىۋالسۇن.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 27:5
22 Referans Kwoze  

سەن يوقسۇللارنىڭ باشپاناھىسەن، قىيىنچىلىقتا قالغان بىچارىلەرنىڭ باشپاناھىسەن. بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان پاناھگاھىسەن ۋە ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان سايىسەن. زالىملار دەھشەتلىك بوراندەك ھۇجۇم قىلىدۇ،


شۇڭا سەن خۇداغا بويسۇنغىن، ئۇنىڭ بىلەن ئىناق ئۆتكىن، شۇ چاغدا ساڭا بەخت-سائادەت كېلىدۇ.


خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە قەسىمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى، خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا، خۇدادىن پاناھلىنىۋاتقان بىزلەر ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىدىن كۆپ ئىلھامغا ئېرىشىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈمىدتە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرالايمىز.


شۇنداق قىلسام، ئۇلارنىڭ لەۋلىرىدىن مەدھىيەلەر چىقىدۇ. مەن يىراق-يېقىندىكىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن، مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن!


بۇ بۇيرۇقلىرىمنى ئادا قىلىپ، ماڭا بويسۇنىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە، دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغىماي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، رەزىل ئىشلاردىن قولىنى تارتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!


ئۇلار مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ: ‹پەقەت پەرۋەردىگارلا غەلىبە ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسىدۇر.›» ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالىدۇ.


گىبئونلۇقلار گىلگالدىكى يوشۇۋانىڭ قارارگاھىغا جىددىي ئادەم ئەۋەتىپ، يوشۇۋادىن: «تاغلىق رايونلاردىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھلىرى بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، تېزلىكتە كېلىپ بىزگە ياردەم بېرىڭلار، بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، بىز خىزمەتكارلىرىڭىزنى تاشلاپ قويماڭلار!» دەپ ئۆتۈنۈشتى.


- ئەي يېرۇسالېملىقلار! نېمىنىڭ سىلەرگە ئامانلىق كەلتۈرىدىغانلىقىنى بۈگۈن بىلگەن بولساڭلار! ئەمما، ئۇ ھازىر كۆزلىرىڭلاردىن يوشۇرۇندۇر.


ھېچكىم نامىڭنى ئاتاپ، ئۆتۈنمەيدۇ، ساڭا باغلىنىشقا ھېچكىم ئىنتىلمەيدۇ، سەن بىزدىن يۈز ئۆرۈدۈڭ. بىزنى گۇناھلىرىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىگە تاشلىدىڭ.


ئەگەر «تاقابىل تۇرالمايمەن» دېگەن قارارغا كەلسە، دۈشمەن قوشۇنى تېخى يىراقتىكى ۋاقتىدا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشنى ئۆتۈنىدۇ.


ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.


بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزغۇچىمدۇر! ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمدۇر، قورقمايمەن ھېچنېمىدىن. چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمدۇر، ئۇ مېنىڭ ھەم نىجاتكارىمدۇر.»


ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە تىنچلىق ئاتا قىلغىن. بىزنىڭ سىڭدۈرگەن بارلىق ئەجرىمىز سەندىن كەلگەن.


كىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارىمدەك ئەما؟ كىممۇ مەن ئەۋەتكەن ئەلچىدەك گاس؟ كىممۇ مەن تاللىغان خەلقىمدەك قارىغۇ؟ ھېچكىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارىمدەك قارىغۇ ئەمەس.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite