Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 26:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن كېچە قەلبىم سېنى سېغىنىدۇ، تاڭ سەھەردە روھىم سېنى ئىزدەيدۇ، سەن يەر يۈزىگە سوراققا كەلگەندە، ئىنسانلار توغرا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 26:9
28 Referans Kwoze  

شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.


ئادالەت بولغاچ ھۆكۈملىرىڭدە ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن ساڭا، ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېرىم كېچىدە.


پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.


ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى سۈزۈلمەستىنلا، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت بىر يەرگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.


دەل شۇ چاغدا، زېمىن شىددەتلىك تەۋرەندى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى ئىنتايىن قورقۇشۇپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.


بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.


پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىن، ئۇ يېنىڭدىكى ۋاقتىدا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا يېلىنغىن.


سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،


شۇڭا دەركى ئىنسانلار: «ھەققانىيلار ئىنئام ئالۇر، شۈبھىسىزكى، يەر يۈزىدە سوراق قىلغۇچى خۇدا باردۇر.»


ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ».


لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.


سەھەرگە تەشنا بولغان كېچىلىك كۆزەتچىنىڭ زارىقىشىدەك كۈتمەكتىمەن ئىگەمنى قېتىدىن يۈرىكىمنىڭ.


قورقۇنچ باسار ھەممە ئىنسانلارنى، ئويلىغاندا خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، بايان قىلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى.


ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار.


ئۆلۈم كەلگەندە ئۇلار ئەسكە ئالدى خۇدانى، توۋا قىلىپ ئىخلاس بىلەن ئىزدەشكە باشلىدى ئۇنى.


ئورنۇمدا يېتىپ خۇدا سېنى ئويلىسام، كېچىلىرى سەن ھەققىدە خىيال قىلسام، شادلىققا چۆمۈپ مەدھىيەلەر تۆكۈلەر ئاغزىمدىن، قورسىقىم تويغاندەك مول داستىخاندىن، روھىم تويدى سېنىڭ مول ئىلتىپاتىڭدىن.


ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر.


ئى پەرۋەردىگار، رىئايە قىلىمەن تەلىملىرىڭگە، ياد ئېتىمەن نامىڭنى ھەربىر كېچىدە.


قېنى، ئاراڭلاردا كىم پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارىغا بويسۇنىدۇ؟ زۇلمەتتە يۈرگەنلەر، يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلىسۇن، خۇداغا تايانسۇن.


ئويغىنىپ كېچىلىرى نەچچە رەت، نىدا قىلغىن ئىگىمىز ئالدىدا، قەلبىڭنى ئىزھار قىلغىن ئۇنىڭغا. قول كۆتۈرۈپ ئۆتۈنگىن ئىگەڭدىن، ئاچلىقتىن ھوشسىز ياتقان بالىلىرىڭ ئۈچۈن كوچىلاردا.


بەخت ئاتا قىلار پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغانلارغا، ئىلتىپاتىنى ياغدۇرار ئۆزىگە سېغىنغانلارغا.


مەن غەزەپ بىلەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، سېنى ئاچچىقىم بىلەن قاتتىق جازالىغان ۋاقتىمدا، قوشنا ئەللەر تەرىپىدىن خورلۇق ۋە مەسخىرىگە قالىسەن. قوشنا ئەللەر سېنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر.


ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite