8 پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز. سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر.
ئى پەرۋەردىگار، بىزگە رەھىم قىلغىن! بىز ساڭا ئۈمىد باغلاپ، كۈتۈپ تۇرىمىز. ھەر كۈنى بىزگە كۈچ-قۇدرەت بەرگىن. بېشىمىزغا كۈلپەت چۈشكەندە بىزنى قۇتقۇزغىن.
قۇدرەت بىلەن باغلاپ بېلىڭنى، كۈچۈڭ بىلەن تىكلىدىڭ تاغلارنى.
خۇدا مۇساغا يەنە: _ ئىسرائىللارغا: «مېنى ‹ياھۋەھ›، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېگىن. ياھۋەھ مېنىڭ مەڭگۈلۈك نامىمدۇر، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىمەن.
رەببىمىز ئەيسا سىلەرنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىگەي ۋە سىلەرنى ئۆزىگە ئوخشاش چىداملىق قىلغاي.
بىراق، بىز تېخى ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغانغا ئۈمىد باغلىغانىكەنمىز، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىمىز.
بىر قېتىم ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلەر بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇلارغا يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: - يېرۇسالېم شەھىرىدىن ئايرىلماي، مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، خۇدائاتام سىلەرگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى كۈتۈڭلار.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئادالەتنى قوغداڭلار، ھەققانىي ئىشلارنى قىلىڭلار، چۈنكى مېنىڭ نىجاتلىقىم كېلىدۇ، ھەققانىيلىقىم ئايان بولىدۇ.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى! مانا بۇ، بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز. ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.»
ئۇ كۈنى سىلەر مۇنداق دەيسىلەر: «شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، مەدھىيە ئوقۇڭلار ئۇنىڭ نامىغا. ئۇنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلاڭلار بارچە ئەللەرگە، ئۇنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى بىلدۈرۈڭلار ئۇلارغا!
ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئاشىقىمنى كۆرسەڭلار ئېيتىپ قويۇڭلار، مېنى ئۇنىڭ ئىشقى ئوتىدا كاۋاپ دەڭلار.
نەقەدەر بەختلىك-ھە، ئادالەتلىك ئىش قىلغانلار، ھەر دائىم ھەققانىيەت يولىنى تۇتقانلار.
سېغىنىپ شۇنچىلىك بولدۇم مەن تەشنا، ئى ئىگەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا. بولماقتا قەلبىم ۋە جىسمىم شۇنچە ئىنتىزار، ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇداغا.
سەندىن باشقا مەدەتكارىم يوقتۇر ئەرشتە، سەندىن باشقىنى ئىستىمەسمەن ھەم يەر يۈزىدە.
ئۇنىڭ ئالدىدا غۇبارسىز بولدۇم، ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم.
مېنىڭ جەمەتىم خۇدا ئالدىدا ئەنە شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن خۇدا مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزمىگەنمۇ؟ بۇ ئەھدە تولۇق رەتلەنگەن بولۇپ، ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ مېنى ئازاد قىلار، ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يەتكۈزەر.
يۇقىرىقىلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر ۋە قانۇنلىرىدۇر.
ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.
مەن سىناي تېغىدا خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن تەۋراتتىكى ئەمر-پەرمانلىرىمنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكۈڭلار.
لېكىن مەن پەرۋەردىگارغا تەلپۈنىمەن، قۇتقۇزغۇچىم خۇدانى كۈتىمەن. خۇدايىم ئىلتىجايىمغا چوقۇم قۇلاق سالىدۇ.
پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.
كۈتمەكتىمەن پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈشتە، ۋۇجۇدۇمدا ئۈمىد بولغاچ ئۇنىڭ سۆزىگە.
ئەي كۈنچىقىشتا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئۇلۇغلاڭلار. دېڭىز بويلىرىدا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنى، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.
ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، سېنى ئۇلۇغلايمەن. سېنىڭ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى سەن، بۇرۇندىلا پىلانلىغان بۈيۈك ئىشلارنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.
ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، سەندىن باشقا ھۆكۈمرانلار ئۈستىمىزدە ھۆكۈم سۈرگەن، لېكىن بىز سېنىڭ نامىڭنىلا ئېتىراپ قىلىمىز.
شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»
ئەي خەلقىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي خەلقىم، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار: تەلىملىرىم مەندىن تارقىلىدۇ، ئادالىتىم خەلققە نۇر بولىدۇ.
باشقا ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، لېكىن بىز مەڭگۈ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ يولىدا ماڭىمىز.
ئىنتىزارمەن ساڭا _ ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇدا، قاچانمۇ كۆرەرمەن سېنىڭ چېھرىڭنى، كىرىپ ھۇزۇرۇڭغا؟