7 ئى پەرۋەردىگار، سەن توغرا يولدا ماڭغانلارنىڭ يولىنى راۋان قىلىسەن، دۇرۇسلارنىڭ يولىنى تۈز قىلىسەن.
چۈنكى، بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق.
ئەزىز بالىلىرىم، كىشىلەر سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر.
بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.
مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان، ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار! مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.
ھەققانىي يول تۇتمايدىغان ياكى قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى ئەمەستۇر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن شەيتاننىڭ پەرزەنتلىرى مانا مۇشۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇ.
ھەققانىي ئادەم دىيانەت يولىدا ماڭار، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بەختلىك بولار!
ھەققانىيدۇر پەرۋەردىگار، سۆيەر ھەققانىيلىقنى، پەقەت كۆڭلى دۇرۇسلار كۆرەر ئۇنىڭ چېھرىنى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.
زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ، بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ، بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ. ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.
پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى، يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى.
خۇدانىڭ مېنى ئادالەتنىڭ ئادىل تارازىسىغا سېلىپ، مېنىڭ پاك ئىكەنلىكىمنى بىلىشىنى خالايمەن.
ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن. مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم، شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ بايلىقلىرىنى خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم.
پەرۋەردىگار يەنىلا ئادالەتلىكتۇر، ئۇ يېرۇسالېمدىدۇر. ئۇ ئادالەتسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ھەر كۈنى ھەقىقەتنى ئۈزۈپ قويماي نامايان قىلسىمۇ، لېكىن ئادالەتسىزلەر نومۇس قىلمايدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەرشتىدۇر، ئۇ تۇرار مۇقەددەس دەرگاھىدا. كۆزىتىپ تۇرار ئۇ ھەممە ئىنسانلارنى، دىققەت بىلەن تىكىلگەندۇر كۆزلىرى ئىنسانلارغا.
ئى پەرۋەردىگار، كۆرسەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئۆگەتكىن ماڭا ئۇنىڭدا قانداق مېڭىشنى.
تەلىم بەر ماڭا، ھەقىقىتىڭ باشلىسۇن مېنى، چۈنكى سەن قۇتقۇزغۇچى ئىلاھىمسەن، كۈنبويى ساڭا ئۈمىد باغلىغانمەن.
ئى پەرۋەردىگار، ھەق يولۇڭنى ئۆگەت ماڭا، باشلا مېنى ھەققانىيەت يولۇڭغا، چۈنكى باردۇر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا.
تاڭ نۇرىغا ئوخشار ھەققانىيلارنىڭ يولى، قۇياش تولۇق كۆتۈرۈلگىچە نۇرلىنار يورۇغانسېرى.
سىلەر ئۇ يەردىن ئالدىرىماي چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، قېچىپ چىقىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭماقتا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئارقا تېرىكىڭلاردۇر.
ئۇلار خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ، دۇرۇس يولدا ماڭغانلار ئۆلگەندىمۇ ئارام ئالىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مەلۇمكى، ھېچكىم ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە ئەمەس، ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى بەلگىلەشكە كىمنىڭ قۇربى يەتسۇن؟
دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.
سەمىمىيلىك يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدا، رەزىللىك چىرمىۋالغاندۇر دىللىرىنى، ئوچۇق قەبرە كەبىدۇر گاللىرى، خۇشامەتكە تولغاندۇر تىللىرى.
ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا، ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.
دىيانەتلىك كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلار، يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.
ئەگرىدۇر گۇناھكارنىڭ يولى، دۇرۇستۇر پاكنىڭ ئىش-ھەرىكىتى.
پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.