Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 26:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 دەرۋازىلارنى ئېچىڭلار، پەرۋەردىگارغا ساداقەتمەن، ھەققانىي خەلقنى ئىچىگە كىرگۈزۈڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 26:2
25 Referans Kwoze  

ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


دەرۋازىسىدۇر بۇ پەرۋەردىگارنىڭ، كىرىش يولىدۇر ھەققانىيلارنىڭ.


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


شەھەر دەرۋازىلىرىڭ دائىم ئوچۇق تۇرىدۇ، كېچە-كۈندۈز تاقالمايدۇ، ھەممە ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا ئەكېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ھەيدەپ كېلىنىدۇ.


چىقىڭلار! شەھەر دەرۋازىلىرىدىن چىقىڭلار! پۇقرالار ئۈچۈن يول ھازىرلاڭلار! سىلەر ياساڭلار، يول ياساڭلار! تاشلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار! خەلق ئۈچۈن تۇغ تىكلەڭلار!


ئەي يېرۇسالېم، ھەممە ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى، ھەممە پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ. سەن يېڭى نامغا ئىگە بولىسەن، بۇ نامنى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن قويىدۇ.


ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. خۇدا ھەر كۈنى يېڭى ئېتىقادچىلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشاتتى.


خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ، مەڭگۈلۈك زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار مەن تىككەن مايسا، قولۇمنىڭ ھۈنىرى بولۇپ، مېنىڭ شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىدۇ.


سەن ھەققانىيلىق بىلەن قۇرۇلغان بولىسەن، ئەمدى ھېچكىم ساڭا زۇلۇم سالالمايدۇ، قورقۇپ ئەندىكىپمۇ يۈرمەيسەن، چۈنكى ئەمدى ۋەھىمە ساڭا يېقىنلىشالمايدۇ.


ئۆزۈڭ تاللىغان خەلقىڭنىڭ ئىقبالىنى كۆرەي، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بولۇپ كۈلەي، ساڭا مەنسۇپ خەلقىڭ بىلەن ماختىنىپ يۈرەي.


سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمنىڭ روھانىيلىرى ۋە مېنىڭ مۇقەددەس خەلقىم بولىسىلەر.» بۇ سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن.


دۇنيادىكى خەلقلەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى شانۇشەۋكىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق زامانلار كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا نۇرغۇن ئەللەر ۋە نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى يېرۇسالېمغا كېلىدۇ.


شۇنداق قىلساڭلار، تاڭ نۇرى سىلەرنى يورۇتۇپ، تېزلىكتە شىپالىق تاپاتتىڭلار. ھەققانىيلىقىڭلار ئۆز ھەمراھىڭلار بولۇپ، سىلەرنى يېتەكلەپ ماڭغان بولاتتى، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سىلەرنىڭ ئارقا تىرىكىڭلار بولاتتى.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.


لېكىن، بىز خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ئۇ يەردە پەقەت ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغانلارلا ياشىيالايدۇ.


ئېچىلىڭلار ئەي دەرۋازىلار، ئېچىلىڭلار ئەي ئەبەدىيلىك قوۋۇقلار! شەۋكەتلىك پادىشاھ كىرىپ كەلسۇن.


ھەققانىيلار كىرىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىڭلار ماڭا، مەن كىرىپ، شۈكۈر ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا.


پۈتكۈل ئىسرائىل ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەنلا غەلىبە قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ماختايدۇ.


ساڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال غەلىبە قىلالمايدۇ، سەن بىلەن دەۋالاشماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەن يوققا چىقىرالايسەن. بۇنداق تەلەي مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىغا تەئەللۇقتۇر. مەن ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىمەن.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


زېمىنىڭ ئەمدى قەبىھ ئىشلاردىن خەۋەر تاپمايدۇ، چېگرايىڭ ئىچىدە ئەمدى بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق غوۋغالىرى ئاڭلانمايدۇ. تاملىرىڭنى «نىجاتلىق»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن.


سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.


مەن سىئون ئۈچۈن سۈكۈت قىلالمايمەن، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى خۇددى نۇردەك چاقنىمىغۇچە، ئۇنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى مەشئەلدەك يانمىغۇچە، يېرۇسالېم ئۈچۈن جىم تۇرالمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite