Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 26:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئەمما، ساڭا مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ! ئۇلارنىڭ تېنى باشقىدىن تىرىلىدۇ. ئەي تۇپراقتا ياتقانلار، ئويغىنىپ، شادلىق ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تاڭ سەھەردىكى شەبنىمىڭ ئالەمگە ھاياتىي كۈچ بەرگەندەك، سەن ئۆلگەنلەرگىمۇ قايتا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىسەن.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 26:19
37 Referans Kwoze  

قارا يەر باغرىدا ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ، مەڭگۈلۈك شەرمەندە بولىدۇ.


چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»


قەبرىلەر ئېچىلدى. ھەزرىتى ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بىرمۇنچە تەقۋادار ئادەملەر تىرىلدى.


مەن ئۇنى گۆردىن، يەنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزايمۇ؟ ئەي ئۆلۈم، ئېلىپ كەل ۋابايىڭنى! ئەي ئۆلۈكلەر ماكانى، كۆرسەت ھالاكىتىڭنى! مەن ئەمدى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتمايمەن.


ئىككى كۈن ئۆتۈپلا ئۇ بىزنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇ بىزنى ئورنىمىزدىن دەس تۇرغۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ياشايمىز.


ماڭا ئازاب-كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكىنىڭ، دەل گۆر ئاغزىدىن مېنى تارتىپ ئېلىپ، جانلاندۇرۇپ يېڭى ھاياتقا باشلىغىنىڭ.


ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇۋېتىدۇ. ئىگىمىز پەرۋەردىگار ھەممىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدۇ، دۇنيانىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان ھاقارەتلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!


شۇ چاغدا، ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بىلەن بىزنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش قىلىدۇ.


خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن.


لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلدى. ئۇنىڭ تىرىلىشى ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


مەن ئىسرائىلىيە خەلقىگە شەبنەم بولىمەن. ئۇلار خۇددى نېلۇپەردەك ئېچىلىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك يىلتىز تارتىدۇ.


مېنىڭ ھازىرقى مەقسىتىم، ئەيسا مەسىھنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىش قۇدرىتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىش


قۇرىدى كۈچ-مادارىم ئوخشاپ ساپال پارچىسىغا، چاپلىشىپ قالدى تىلىم تاڭلىيىمغا، قويدۇڭ مېنى ئۆلۈم توپىسىغا.


ئىسرائىللار بىخەتەر بولىدۇ، ياقۇپ ئەۋلادلىرى خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. زېمىنى ئاشلىق ۋە شارابقا مول بولىدۇ، ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم ئۇنى سۇغىرىدۇ.


مۇشۇ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش، مەنمۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن سوراق قىلىنىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


ئويغان، ئەي يېرۇسالېم، ئويغان! ئورنۇڭدىن دەس تۇر! سەن قەدەھتىكى ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى ئازاب شارابىنى پاك-پاكىز ئىچىۋەتتىڭ.


مۇسا يۈسۈپ قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ زېمىنىغا بەخت ئاتا قىلسۇن. ئۇلار ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم، يەر ئاستىدىن چىققان بۇلاق سۇلىرى بىلەن بەرىكەتلەنسۇن.


يۇمران چۆپنى ھۆل قىلغان، بېدىلەرنى سۇغارغان يامغۇر كەبى تۆكۈلسۇن تەلىملىرىم، شەبنەم كەبى چۈشسۇن سۆزلىرىم.


ئۇ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس جەسەتنى ئۇنىڭغا بېرىشكە ئەمر قىلدى.


سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا، تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا. سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا، خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.


يىلتىزىم سۇ بويىغىچە سوزۇلغاندۇر، شاخلىرىم تۈن بويى شەبنەمدە يۇيۇلىدۇ.


جاننى ئالغۇچىمۇ، بەرگۈچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر، گۆرگە چۈشۈرگۈچىمۇ، ئېلىپ چىققۇچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.


سەجدە قىلار پەرۋەردىگارغا دۇنيادىكى گۈللەنگەن بايلار، تىز پۈكەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھەتتا گۆر ئاغزىغا بېرىپ قالغانلار.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز جايىمدا ھەممە ئىشنى كۆزىتىپ تۇرىمەن. مەن تومۇز كۈنلىرىدىكى ئىسسىق ھاۋادەك، ھوسۇل مەزگىلىدە ئەتىگىنى چۈشكەن شەبنەمدەك تىۋىشسىز تۇرىمەن.»


يىلتىزلىرى يەر ئاستىدا چىرىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ كۆتىكى چىرىپ كەتسىمۇ،


قەبرىدە كىممۇ بايان قىلسۇن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى؟ ئۆلۈكلەر ماكانىدا كىممۇ ماختىسۇن ساداقىتىڭنى؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite