Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 25:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك خەلقلەر سېنى ئۇلۇغلايدۇ، شەپقەتسىز ئەللەر سەندىن ئەيمىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 25:3
16 Referans Kwoze  

كېيىن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان بارلىق ئەللەردىن ھايات قالغانلىرى ھەر يىلى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ ۋە كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىدۇ.


پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.


دەل شۇ چاغدا، زېمىن شىددەتلىك تەۋرەندى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى ئىنتايىن قورقۇشۇپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.


مەن ئۇلۇغلۇقۇمنى ۋە مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن، ھەرقايسى ئەللەرگە ئۆزۈمنى تونۇتىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دۇنيانى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن جازالايمەن، رەزىل ئادەملەرنى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلانغانلارنى پەسلەشتۈرىمەن. شەپقەتسىزلەرچە غادايغانلارنى يەرگە ئۇرىمەن.


شۇنداق دەڭلار ئەي خالايىق خۇداغا‏: «نەقەدەر ھەيۋەتلىك-ھە قۇدرىتىڭ! كۆرسىتىلگەندە كارامىتىڭ ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ تۈگۈلۈپ قالار ئالدىڭدا.


ئەي كۈنچىقىشتا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئۇلۇغلاڭلار. دېڭىز بويلىرىدا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنى، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.


ئەمما سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ تۇيۇقسىزدىن توپىدەك توزۇپ كېتىدۇ. سېنىڭ نۇرغۇن رەقىبلىرىڭ شامالدىكى چاڭ-توزاندەك يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنتايىن تۇيۇقسىز، ھەش-پەش دېگۈچە يۈز بېرىدۇ.


ئۇلار يىلاندەك، يەر بېغىرلىغۇچى جانلىقتەك توپا يالايدۇ، ئۇۋىلىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن دەھشەتكە چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite