2 سەن دۈشمەننىڭ شەھەرلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ، مۇستەھكەم شەھەرلەر كېسەك پارچىلىرىغا ئايلاندى، يات ئەللەرنىڭ ئوردىلىرى ئەمدى مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدۇ.
بۇ، دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: «قاراڭلار، دەمەشق شەھىرى پات ئارىدا يوقىلىدۇ، ئۇ ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ!
بابىلنىڭ قورغانلىرى ياۋا ئىتلار ھۇۋلىشپ يۈرىدىغان ماكان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوردىلىرى چىلبۆرىلەرنىڭ يايرايدىغان ماكانى بولىدۇ. بابىلنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالدى، ئۇنىڭغا ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت بېرىلمەيدۇ.
ئۇ موئابلارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئۆرۈپ، گۇمران قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.
ئۇلار باشلىرىغا توپا تۆكۈشۈپ، ماتەم تۇتۇپ، ھەسرەت بىلەن ئۈن سېلىپ مۇنداق دەپ يىغلىشىدۇ: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! بېيىغانىدى ئۇنىڭ بايلىقىدىن دېڭىزدا كېمىسى بارلار، ھالبۇكى ۋەيران بولدى شەھەر بىر سائەت ئىچىدىلا!»
كىشىلەر سەندىن ئۇل تېشى قىلغۇدەك بىرەر تاشمۇ تاپالمايدۇ. سەن مەڭگۈ خارابىلىك بولۇپ قالىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
بابىل زېمىنىغا قاراڭلار، بۇ زېمىندىكى خەلق يوقالغان! ئاسسۇرلار بۇ زېمىننى ياۋايى يىرتقۇچلارغا ماكان قىلىپ بەردى. ئۇلار شەھەر سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، ئوردىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.
قارىسىلا، قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرى كەلدى.» ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بابىل تۈگەشتى! بابىل تۈگەشتى! ئۇلار چوقۇنغان بارلىق بۇتلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پارە-پارە بولدى.»
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنى ياۋايى ھايۋانلار ماكانىغا، شۇنداقلا سازلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. مەن خۇددى ئەخلەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانغا ئوخشاش، بابىلنى يوقىتىۋېتىمەن.»
شەھەردىكى مال-مۈلۈكلەرنى شەھەر ئوتتۇرىسىغا توپلاپ، ئۇلارنى ۋە پۈتۈن شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. شەھەر مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلسۇن، قايتا بىنا قىلىنمىسۇن.
شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى يوقىلىدۇ، دەمەشق پادىشاھلىقى ھەم يوقىلىدۇ. قېپقالغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئاقىۋىتى، ئىسرائىلىيەدىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش شەرمەندىلىك بولىدۇ!» مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
ئۇ ۋەيران قىلسا، قايتا قۇرغىلى بولماس، ئۇ قاماققا ئالسا، ھېچكىم قۇتقۇزالماس.
پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە. ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.
ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ كىبىرىنى سۇندۇرىدۇ. ئۆزىنى ئاسماندا چاغلايدىغانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تۈزلىۋېتىدۇ. ئۇلارنى توپا دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
سۈرگۈندىن كېيىن مۇستەھكەم شەھەر ئادەمسىز قالىدۇ، پۇقرالىرى شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپ، شەھەر چۆلدەرەپ قالىدۇ. ئۇ شەھەر قاقاسلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ يەردە كالىلار ئوتلاپ، ئارام ئېلىپ، شاخ-شۇمبىلارنى يەپ يۈرىدۇ.
ئوردىلار تاشلىنىپ قالىدۇ. شاۋقۇنلۇق شەھەرلەر قاقاسلىشىدۇ. قورغان ۋە مۇنارلار ئادەمسىز، قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەر ياۋا ئېشەكلەرنىڭ يايرايدىغان، قويلارنىڭ ئوتلايدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ.
مەيلى مۆلدۈرلەر ئورمانلارنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن ياكى شەھەرلەرنى يوق قىلىۋەتسۇن،
ئوردىلارنى تىكەن بېسىپ كېتىدۇ. قورغانلارنى چاققاق ۋە ئازغان قاپلاپ كېتىدۇ. بۇ خارابىلىكلەر چىلبۆرىلەر ۋە مۆشۈكياپىلاقلارنىڭ ماكانى بولىدۇ.
سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن. بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى. سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»
بۇ يەردە ئەمدى ئادەم تۇرمايدۇ، كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارمۇ بۇ يەردە ياشىمايدۇ. كۆچمەنلەر بۇ يەرگە كەپىلىرىنى قۇرمايدۇ، پادىچىلارمۇ قويلىرىنى بۇ يەردە باقمايدۇ.
بۇ يەر چۆل جانلىقلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇۋقۇشلار تولۇپ كېتىدۇ. ئۇ يەردە تۆگە قۇشلار ياشايدۇ، ياۋا ئۆچكىلەر تاقلاپ يۈرىدۇ.
خارابىگە ئايلانغان شەھەرلەر قاقاسلىشىپ كېتىدۇ. خەۋپسىرەپ، ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ.