Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 24:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 داقا-دۇمباق ئاۋازلىرى توختايدۇ، تەبرىكلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى جىمىقىدۇ، چىلتار سادالىرىمۇ ئۆچىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 24:8
16 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ خۇشال ئۆتكۈزىدىغان بارلىق بايراملىرىنى، يەنى يېڭى يىل، يېڭى ئاي بايراملىرىنى، باشقا بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى يوق قىلىمەن.


ئەمدى ئاڭلانمايدۇ ئاۋازى ئۇنىڭدا، چىلتارچىنىڭ، ناخشىچىنىڭ، كانايچىنىڭ، سۇنايچىنىڭ. ئەمدى تېپىلمايدۇ ئۇنىڭدا ھېچقانداق قول ھۈنەرۋەن. ئەمدى ئاڭلانمايدۇ ئاۋازى تۈگمەنچىنىڭ.


مەن سەندىكى نەغمە-ناۋالارنى يوقىتىمەن، سەندە ئەمدى لىرانىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ.


مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدىكى خۇشاللىق سادالىرىنى، كۈلكە ئاۋازلىرىنى ۋە توي تەنتەنىلىرىنى يوق قىلىمەن. بۇ زېمىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.»


مەن خۇشاللىق ۋە كۈلكە سادالىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. توي قىلغان يىگىتلەر ۋە كېلىنچەكلەرنىڭ شادلىق ئاۋازلىرى ئەمدى ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ. ئۇن تارتىۋاتقان تۈگمەنلەرنىڭ غىچىرلاشلىرى توختايدۇ. ئۆيلەردىكى يېنىۋاتقان چىراغلار ئۆچۈرۈلىدۇ.


چۈنكى، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن. سەن ھايات چاغدا، كۆز ئالدىڭدىلا بۇ زېمىندىكى خۇشاللىق ۋە كۈلكە ئاۋازلىرىنى يوقىتىمەن. تويى بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ شادلىق كۈلكىلىرىمۇ ئاڭلانمايدۇ.


ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە شارابلار ئىچىلىپ، لىرا، چىلتار، داپ ۋە نەيلەر بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىنىدۇ، بىراق پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا نەزەرمۇ سالمايدۇ.


لىرام ماتەم مۇزىكىسىغا جور بولماقتا، نېيىم نالە قىلماقتا.»


لىرالىرىمىز ئېسىقلىق تۇراتتى سۆگەت شېخىدا.


شۇ تۈپەيلىدىن گۆرنىڭ ئىشتىھاسى يوغىناپ، ئاغزى چەكسىز يوغان ئېچىلىدۇ. ئۇ يېرۇسالېمنىڭ نوپۇزلۇقلىرى ۋە پۇقرالىرىنى يۇتۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئويۇن-تاماشا قىلغانلارنىمۇ يۇتۇپ كېتىدۇ.


شادلىق ۋە خۇشال كۈلكەڭلار باغلىرىڭلاردىن يوقىلىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلاردا ھېچكىم خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتمايدۇ، شادلىق سادالىرىنى ياڭراتمايدۇ. ھېچكىم ئۈزۈملەرنى يانجىپ، ئۈزۈم ھارىقى ياسىمايدۇ. سىلەرنىڭ خۇشاللىق سادالىرىڭلار ئاخىرلىشىدۇ.


شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرمايدۇ ئەمدى ئاقساقاللار، ساز چېلىپ نەغمە قىلمايدۇ ياشلار.


سەن مېنىڭ ئېرەم بېغىمدا ياشايتتىڭ. سەن قىزىل ياقۇت، توپاز، ئالماس، سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق، قىزىل ھېقىق، كۆك ياقۇت، فىرۇزە ۋە زۇمرەت قاتارلىق قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدىڭ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭ ئالتۇندىن ئىدى. بۇ نەرسىلەر سەن ئاپىرىدە بولغان كۈندە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولۇنغانىدى.


ئاشۇ كېچىدە تۇغۇلۇش بولمىغان بولسىچۇ، خۇشاللىق سادالىرىمۇ ئاڭلانمىغان بولسىچۇ.


شۇڭا سىلەر ھەممىدىن ئاۋۋال سۈرگۈن قىلىنىسىلەر، سىلەرنىڭ كەيپ-ساپا قىلىپ ياتىدىغان ۋاقتىڭلار ئاياغلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite