19 يەر-زېمىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، يەر تامامەن يېرىلىپ كېتىدۇ، زېمىن قاتتىق سىلكىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى.
ئۇ كەلگەندە تاغلار تەۋرەيدۇ، ئېدىرلار ئېرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا يەر-زېمىن ۋە پۈتكۈل ئىنسانلار تىترەپ تۇرىدۇ.
رۇبېننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان داتان ۋە ئابىرامنى قانداق جازالىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا يەر يېرىلىپ، داتان، ئابىرام ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى، چېدىرلىرىنى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقانلارنى قانداق يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇلار كۆرمىگەن.
ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، شاگىرتلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: - بىزگە ئېيتىڭچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سىزنىڭ ۋە زامان ئاخىرىنىڭ كېلىشىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەتلەر بولىدۇ؟ - دەپ سوراشتى.
توختىغاندا ئۇ، كېلەر لەرزىگە جاھان. نەزەر سالغىنىدا، تىترىشەر ئەللەر ھامان. بولسىمۇ قەدىمىي تاغلار كۇكۇم-تالقان، تۈزلىنىپ كەتسىمۇ ئەبەدىي داۋان، ئۆزگەرمەس ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھامان.
لېكىن، رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ.
سىلەر قىيامەت كۈنىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن بار كۈچۈڭلار بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلىڭلار. ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمان كۆيۈپ تۈگەيدۇ، ئاسمان جىسىملىرىمۇ شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ يوقايدۇ.
مۇسا سۆزلىرىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغىلا، ئۇلار دەسسەپ تۇرغان يەر يېرىلىپ،
كوراھنىڭ شېرىكلىرى، بالا-چاقىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى بىراقلا يالماپ كەتتى.
تۇرسىمۇ گەر يەر-زېمىنلار تەۋرىنىپ، ئۆزۈمدۇرمەن قويغۇچىسى ئاڭا تۈۋرۈك ئورنىتىپ.» سېلاھ
پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە ئۆڭكۈر ۋە ئورەكلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.
بۇ مېنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، زېمىننى تەۋرىتىپ، ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇ كۈنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ھەممىگە رەھىمسىزلەرچە غەزىپىمنى چاچىمەن.»