17 ئەي زېمىندىكى ئىنسانلار، سىلەر ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر، سىلەرنى ئورەكلەر ۋە تۇزاقلار كۈتۈپ تۇرىدۇ.
ئاشۇ كۈنى سىلەر خۇددى شىردىن قۇتۇلۇپ، ئېيىققا يولۇققان ئادەمگە، ياكى ئۆيگە ساق قايتىپ كېلىپ، تامغا يۆلىنىشىگىلا قولىنى يىلان چېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىلەر.
مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن يېرۇسالېم ئۈستىگە ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە ۋابا قاتارلىق بۇ تۆت خىل دەھشەتلىك ئاپەتنى ئەكېلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى نابۇت قىلسام، ئۇلارغا قانچىلىك ئېغىر كېلەر؟
بۇ رەزىل خەلقنىڭ ھايات قالغانلىرى سۈرگۈن قىلغان يەرلەردە ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
خازائېلنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى يېھۇ ئۆلتۈرىدۇ، يېھۇنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ.
ئۇ ئۆزى قۇرغان تورغا ئۆزى چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىنىدۇ.
مەن سىلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي بولىمەن. لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى پادىشاھلىقى پۇتلىشىدىغان، نۇرغۇن ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىدىغان تاش بولىمەن. يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈچۈن تۇزاق ۋە قاپقان بولىمەن.
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيمەنكى، ئۇلارغا قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ مەندىن ياردەم سورىسىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن.
خۇددى بايرام ئۈچۈن مېھمان تەكلىپ قىلغاندەك، دۈشمەن يىغىپ ئەتراپىمغا، ھۇجۇم قىلدۇردۇڭ بىزگە. سەن غەزەپلەنگەن كۈنى ھېچكىم قۇتۇلالمىدى ھەم ھېچكىم ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمىدى. دۈشمەن قىرىپ تاشلىدى مەن تۇغۇپ، باققان بالىلارنى.»
چۈشتۇق بىز قورقۇنچقا، يۈزلەندۇق تۇزاق، ھالاكەت ۋە يوقىلىشقا.»
سىلەر قىلىچتىن قورقىسىلەر، شۇڭا مەن قىلىچنى سىلەرگە تەڭلەيمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
مەن تور يېيىپ، ئۇنى تۇتۇپ، بابىللىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىمەن، لېكىن ئۇ بابىللىقلارنىڭ زېمىنىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە شۇ يەردە ئۆلىدۇ.