Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 24:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 مانا بۇ، جاھاندىكى بارلىق خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈن. خۇددى مول ھوسۇلنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا، زەيتۇننىڭ شاخلىرىدىن ئۈزۈۋېلىنغانلىقىغا، ئۈزۈملەرنىڭ تەكلەردىن كېسىۋېلىنغانلىقىغا ئوخشاش، دۇنيادا ئازلا ئادەم قالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 24:13
19 Referans Kwoze  

ئەگەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاز بىر قىسمىمىزنى ئامان قالدۇرمىغان بولسا ئىدى، بىز رەزىللىكىدىن تۈپتۈز قىلىنغان سودوم شەھىرىدەك بولاتتۇق، بىز رەزىللىكىدىن ۋەيران قىلىنغان گومورا شەھىرىدەك بولاتتۇق.


لېكىن، ئاراڭلاردا ئۆزلىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن يەنە بىرنەچچەيلەن بار. ئۇلار ئاق تون كىيىپ، مەن بىلەن بىللە يۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭغا لايىقتۇر.


ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسىدى، ھېچكىم قۇتۇلالمايتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئۆزى تاللىغانلىرى ئۈچۈن، ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرى، ھەممىڭلارنى يىغىمەن، ھايات قالغان ئىسرائىل خەلقىنى يىغىمەن. سىلەرنى قوي پادىلىرىنى قوتانغا يىغقاندەك يىغىمەن. سىلەر خۇددى يايلاقتىكى قوي پادىسىدەك توپلىشىسىلەر. زېمىنلىرىڭلار يەنە ئادەملەر بىلەن ئاۋاتلىشىدۇ.


ھايات قېلىپ، تاغقا قېچىپ چىقىۋالغانلار ئازابتىن خۇددى كەپتەردەك بۇقۇلدايدۇ، گۇناھلىرى سەۋەبىدىن زارلايدۇ.


ئۇرۇشتىن قاچقان ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا يەھۇدىيەگە قايتىدۇ. ئاندىن مىسىردا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە خەلقى مېنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن كىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلىشىدۇ،


بۇ زېمىندا خەلقنىڭ ئوندىن بىرى قالسىمۇ، زېمىن يەنىلا ۋەيران قىلىنىدۇ. لېكىن خۇددى پىستە ۋە دۇپ دەرەخلىرى كېسىلىپ، كۆتىكى قالسىمۇ يەنە كۆكلىگەندەك، ئۇلارمۇ كۆكلەيدۇ. مۇقەددەس ئۇرۇق _ شۇ كۆتەكتۇر.»


ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار.


بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەر ئىسرائىللارنى، فىرات دەرياسى ۋە مىسىر چېگراسىدىكى دەريانىڭ ئارىلىقىدىكى يەرلەردىن، خۇددى بۇغداينى ساماندىن ئايرىغاندەك ئايرىپ، بىر-بىرلەپ يىغىۋالىدۇ.


ھالىمغا ۋاي! يازنىڭ مېۋىلىرى يىغىلىپ بولغان، ئۈزۈملەر ئۈزۈلۈپ تۈگىگەن، يېگىلى ھېچقانداق ئۈزۈم تاپالمىغان، كۆڭلىدە ئارزۇ قىلغان تۇنجى پىشقان ئەنجۈرمۇ قالمىغان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىم.


«شۇ چاغدا ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ شۆھرىتى تۈگەيدۇ. خۇددى قاۋۇل ئادەم ئورۇقلاپ كەتكەندەك بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite