14 تارشىشتىن قايتىپ كېلىۋاتقان دېڭىزچىلار، قايغۇرۇڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ قورغىنىڭلار گۇمران قىلىندى.
بۇ تىر شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: يىراقتىكى تارشىشتىن قايتىپ كەلگەن دېڭىزچىلار قايغۇرۇپ نالە قىلىڭلار. شەھىرىڭلار تىر گۇمران بولىدۇ، ھېچبىر ئۆي ۋە پىرېستان ساق قالمايدۇ. بۇ خەۋەر ئۇلارغا سىپرۇس زېمىنىدا يەتكۈزۈلىدۇ.
ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار، تارشىشقا قېچىپ كېتىڭلار! ئازابلىنىپ يىغلاڭلار!
خۇددى ئەڭ يىراق تارشىشقا بارىدىغان كاتتا كېمىلەرنى ۋە ھەشەمەتلىك كېمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىغاندەك بۇزۇپ تاشلايدۇ.