10 ئەي تارشىش خەلقى، نىل دەريا بويىدىكى دېھقانلارغا ئوخشاش يەرلىرىڭلارغا ئىشلەڭلار! چۈنكى پىرېستانىڭلار ئەمدى يوق بولدى.
تارشىشتىن قايتىپ كېلىۋاتقان دېڭىزچىلار، قايغۇرۇڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ قورغىنىڭلار گۇمران قىلىندى.
خۇدادۇر بېلىمنى قۇدرىتىدە باغلىغۇچى، يولۇمنى ئەيىب-نۇقسانسىز قىلغۇچى.
ئۇ مەرتىۋىلىكلەرنى شەرمەندە قىلىپ، ئەمەلدارلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
سائۇل سامۇئىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ شۇنداق قورقۇپ كەتكەنىدى. ئۇ يەنە كېلىپ بىر كېچە-كۈندۈز غىزا يېمىگەنلىكى ئۈچۈن ھالسىراپ كەتكەنىدى.
بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى.
پادىشاھلىقلارنىڭ تاج-تەختىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كۈچ-قۇدرىتىنى يوقىتىمەن. جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ئۇلارنى ھەيدىگۈچىلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن. چەۋەندازلىرى ئاتلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىدۇ.
پۈتۈنلەي يوقالدى سىئوننىڭ شان-شەرىپى، چۆپ تاپالمىغان كېيىككە ئوخشاپ قالدى يولباشچىلىرى، ئوۋچىلاردىن قېچىشقا يوقتۇر ئۇلارنىڭ مادارى.
نىل دەرياسى بويىدىكى ۋە دەريا ئېغىزىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلغان زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كېتىپ، يوقىلىدۇ.
بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى. ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى. يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى.
پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە. ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.
سەن يوقالغان كۈنى تىترىگەنىدى دېڭىز بويىدىكى ئەللەر. ۋەيران بولغانلىقىڭنى كۆرگەندە، ساراسىمىگە چۈشتى ئاراللار.›»