9 سىلەر «داۋۇت پادىشاھ شەھىرى» سېپىلىنىڭ قانچە يەردىن بۇزۇلغانلىقىنى تەكشۈرىسىلەر، پەستىكى كۆلچەككە سۇ تولدۇرۇپ قويىسىلەر،
پادىشاھ خىزكىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ كۆل ۋە يەر ئاستى قانىلى ياساپ، شەھەرگە سۇ ئېلىپ كىرگەنلىكى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
ئازبۇقنىڭ ئوغلى، يەنى بەيتزۇر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى نەخەمىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى داۋۇت پادىشاھ قەبرىستانلىقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جايدىن سۇ ئامبىرى ۋە باھادىرلارنىڭ بارگاھىغىچە رېمونت قىلدى.
خىزكىيا يۇقىرى تەرەپتىكى گىھون بۇلىقىنىڭ ئېقىنىنى توسۇپ، غەربكە، يەنى تۆۋەندىكى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كىردى. ئۇ ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى.
يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى تەكشۈرىسىلەر، سېپىلىڭلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆيلەرنى بۇزۇپ تاشلايسىلەر.