يەشايا 22:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 بۇ چاغقا كەلگەندە پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى قوغدىمايدىغان بولىدۇ. بۇ چاغدا سىلەر ئوردىدىكى «ئورمان سارىيى»دىن ئۇرۇش قوراللىرىنى ئىزدەيسىلەر. Gade chapit la |
بۇ جەرياندا ئۇ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»نىمۇ سالدۇردى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر ئىدى. ساراينىڭ ئۆگزىسىنى كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تۆت رەت تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇراتتى. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە جەمئىي 45 دانە كېدىر دەرىخىنىڭ لىمى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەر ئىككى رەت تۈۋرۈك 15 دانە لىم بىلەن تۇتاشتۇرۇلغانىدى. لىملارنىڭ ئۈستى كېدىر تاختايلىرى بىلەن يېپىلغانىدى.