Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 22:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئېلام پالۋانلىرى ئوقيالىرىنى ئېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق چەۋەندازلىرى بىلەن كېلىدۇ، قىر پالۋانلىرى قالقانلىرىنى تەييار قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 22:6
9 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى ماقۇل بولۇپ، ئاررامنىڭ پايتەختى دەمەشقنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. ئاھالىسىنى قىر زېمىنىغا سۈرگۈن قىلدى، پادىشاھ رىزىننىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.


مەن بىر قايغۇلۇق ۋەھىينى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ئالدامچى ئالدامچىلىق قىلىدۇ، بۇزغۇنچى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار! مىدىيالىقلار، قورشاڭلار! مەن بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىمەن!»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرچە كۇش خەلقى مېنىڭ نەزىرىمدە ئىسرائىللاردەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققىنىمدەك، فىلىستىيەلىكلەرنى كرىت ئارىلىدىن، ئارراملارنى قىر زېمىنلىرىدىن ئېلىپ چىقمىدىممۇ؟


مەن دەمەشق شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ بالداقلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئاۋېن جىلغىسىنىڭ ھۆكۈمرانىنى يوقىتىمەن، بەيت-ئەدەننىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن. ئاررام پۇقرالىرى قىر زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


بۇ، موئاب توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: موئابتىكى ئار شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ! موئابتىكى قىر شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ!


سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام.


سىلەرنىڭ مۇنبەت جىلغاڭلار جەڭ ھارۋىلىرىغا توشۇپ كېتىدۇ. چەۋەندازلار شەھەر قوۋۇقلىرىنى قورشايدۇ.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite