Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 22:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ چاغدا، مەن شۇ يەرگە قېقىپ قويغان مىخ جايدىن چىقىپ سۇنۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا ئېسىلغان بارلىق نەرسىلەر گۇمران بولىدۇ.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 22:25
15 Referans Kwoze  

مەن شەرقتىن بىر بۈركۈتنى چاقىرتىپ كېلىمەن، ئۇ يىراق بىر جايدىن كېلىدۇ، ئۇ مەن نېمىنى خالىسام، شۇنى قىلىدۇ. مەن ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم قىلىمەن، مەقسەتلىرىمنىمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!


ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ. چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزى شۇنداق دەپ ئېيتتى.


مەن ئۇنى مەزمۇت بىر يەرگە مىخ قاققاندەك قېقىپ قويىمەن، ئۇ ئاتىسىنىڭ جەمەتىگە شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.


ئىشەنچ باغلىما شاھزادىلەرگە، نىجاتلىق بېرەلمەيدىغان بەندىلەرگە.


ئاچارچىلىق ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ساڭا ھۇجۇم قىلىمەن، سەندىكى خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھالاك قىلىمەن. ۋابا ۋە تۆكۈلگەن قان سېنى ھالاك قىلىدۇ. بېشىڭدىمۇ قىلىچ ئوينىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


مەن غەزەپ بىلەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، سېنى ئاچچىقىم بىلەن قاتتىق جازالىغان ۋاقتىمدا، قوشنا ئەللەر تەرىپىدىن خورلۇق ۋە مەسخىرىگە قالىسەن. قوشنا ئەللەر سېنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر.


شۇندىلا ساڭا بولغان غەزىپىم بېسىلىپ، ئاچچىقىم يانىدۇ ۋە ئۆزۈمنى راھەت ھېس قىلىمەن. غەزىپىم ئۈستۈڭگە چۈشكەن ۋاقىتتا، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن دېيىلگەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن.


زېمىن ھازا تۇتىدۇ، ئاسمان قاراڭغۇلۇققا چۆكىدۇ. مەن مەقسىتىمنى ئوچۇق ئېيتتىم ۋە قارار قىلدىم. قارارىمنى ئۆزگەرتمەيمەن.»


بۇ ئىشلارنى پەقەت مەن دېدىم، ئۇنى مەن چاقىرىمەن، ئۇنى مەن باشلاپ كېلىمەن. ئۇ قىلغان ئىشلار چوقۇم ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.


شۇنداق قىلىپ، ئاتا جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ئۇنىڭ بېشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرى خۇددى جام، ئىدىشلار ئېسىپ قويۇلغاندەك، ئۇنىڭغا ئېسىلىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite