23 مەن ئۇنى مەزمۇت بىر يەرگە مىخ قاققاندەك قېقىپ قويىمەن، ئۇ ئاتىسىنىڭ جەمەتىگە شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇ داۋاملىق ھەققانىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ھۆكۈمرانلار قاتارىدا ئېسىل ئورۇنلاردا ئولتۇرغۇزۇپ، مەڭگۈ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ.
بىراق ھازىر سەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ ۋە بىزنىڭ ئاز بىر قىسمىمىزنى بولسىمۇ سۈرگۈندىن قۇتۇلدۇرۇپ، بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئامان-ئېسەنلىككە ئىگە قىلدىڭ. سەن بىزگە ئۈمىد بېرىپ، قۇللۇقتىكى ھاياتىمىزغا بىرئاز بولسىمۇ ئاراملىق بەردىڭ.
يەھۇدىيە خەلقىدىن خۇددى ئۇل تېشىدەك، چېدىر قوزۇقىدەك، جەڭ ئوقياسىدەك يېتەكچىلەر چىقىدۇ.
ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن، ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن. ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا مۇيەسسەر قىلار ئۇلارنى شان-شۆھرەت ئورنىغا. چۈنكى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر زېمىننىڭ ئۇللىرى، ئۇ قويغاندۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى.
مەن غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ غەلىبە قىلغۇچىلارغا تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.
دانالارنىڭ سۆزلىرى خۇددى پادىچىلارنىڭ قولىدىكى تاياققا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ توپلانغان ھېكمەتلىرى خۇددى تاياققا چىڭ قېقىلغان مىخلارغا ئوخشايدۇ. بۇ ھېكمەتلەرنى پادىچىسى بەرگەندۇر.
يەھۇدىي موردىكاي مەرتىۋە جەھەتتە پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئامانلىقى ئۈچۈن تىرىشقانىدى.
ئەگەر سەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋەرسەڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا جايدىن ياردەم كېلىپ، ئۇلار قۇتۇلۇپ قالىدۇ. لېكىن سەن پۈتۈن جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىسەن. كىم بىلىدۇ، بەلكىم سەن مۇشۇ ۋاقىتلار ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەندۇرسەن؟
شۇنداق قىلىپ، ئاتا جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ئۇنىڭ بېشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرى خۇددى جام، ئىدىشلار ئېسىپ قويۇلغاندەك، ئۇنىڭغا ئېسىلىدۇ.»
بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ چاغدا، مەن شۇ يەرگە قېقىپ قويغان مىخ جايدىن چىقىپ سۇنۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا ئېسىلغان بارلىق نەرسىلەر گۇمران بولىدۇ.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!