22 مەن ئۇنىڭ بوينىغا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېسىپ قويىمەن. ئۇ ئاچقان ئىشىكنى ھېچكىم ياپالمايدۇ. ئۇ ياپقان ئىشىكنى ھېچكىم ئاچالمايدۇ.
- فىلادېلفىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك، قولىدا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچى بولغان، ئىشىكنى ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنداق دەيدۇ:
ئۇ ۋەيران قىلسا، قايتا قۇرغىلى بولماس، ئۇ قاماققا ئالسا، ھېچكىم قۇتقۇزالماس.
ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.
سۈرىيە بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئاخاز پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن، بوراندا سىلكىنگەن دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى.
يەشايا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقنى بەزدۈرگىنىڭلار يەتمىگەندەك، ئەمدى خۇدانىمۇ بەزدۈرمەكچىمۇ؟
بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.
مەن ئەرزنى دۈمبەمگە ئارتىۋالىمەن، خۇددى تاجىدەك بېشىمغا كىيىۋالىمەن.