18 ئۇ سېنى سەللىنى ئورىغاندەك چىڭ ئوراپ، يىراق، كەڭرى بىر زېمىنغا تاشلاپ قويىدۇ. ئۇ يەردە سەن ئېسىل جەڭ ھارۋىلىرىڭ بىلەن ئۆلىسەن. سەن ئۆز پادىشاھىڭنىڭ يۈزىنى تۆكىسەن.›»
گەرچە ئۇلار دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كەلسىمۇ، خۇدانىڭ ئەيىبلىشى بىلەن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېدىرلىقتا شامال ئۇچۇرغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرغان توزاندەك قېچىپ كېتىدۇ.
ئەي ئامازيا، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. زېمىنىڭ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئۆزۈڭ ياقا يۇرتتا ئۆلىسەن. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.»
ئۇلار يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا ھەيدەپ كىرىلىپ، بۇ دۇنيادىن قوغلىنىدۇ.
قارا ئۆزۈڭگە، ئەي ئەرباب! پەرۋەردىگار سېنى چىڭ قاماللايدۇ، سېنى ئەمدى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىدۇ!