Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 22:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ‹ئەي شەبنا، سەن بۇ يەردە نېمىدەپ تۇرىسەن؟ ئۆزۈڭنى كىم چاغلايسەن؟ بۇ يەردە ئۆزۈڭگە قەبرە ياساۋاتامسەن؟ بۇ شۆھرەتلىك قەبرىنى ياسىغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟! تاشلاردىن ئۆزىگە ياتىدىغان جاي ياسىغۇدەك سەن كىم بولىسەن؟!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 22:16
10 Referans Kwoze  

ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىگە قويدى. ئاندىن، قەبرىنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى.


خەلق ئۇنىڭ مېيىتىنى تاۋۇتقا ياتقۇزۇپ، مېيىتىغا ھەر خىل خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە ئېسىل مايلارنى ئىشلىتىپ، «داۋۇت شەھىرى»دە قىيا تاشقا ئۆزى ئۈچۈن ئويدۇرۇپ ياساتقان قەبرىگە دەپنە قىلدى ۋە ئۇنىڭ شەرىپىگە ناھايىتى چوڭ گۈلخان يېقىپ، تەزىيە بىلدۈردى.


ئابسالوم ھايات ۋاقتىدا نامىمنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئوغلۇم يوق دەپ، «پادىشاھ جىلغىسى» دېگەن يەردە ئۆزىگە ئاتاپ بىر تاش ئابىدە ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نامىنى بەرگەنىدى. بۇ تاش ئابىدە شۇنىڭدىن بېرى «ئابسالوم ئابىدىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.


مەن خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئېسىل ئوردىلارنى سالدۇرغان پادىشاھ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىرلىرىگە ھەمراھ بولۇپ،


ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار! بۇ يەردىن كېتىڭلار. بۇ زېمىن ئەمدى سىلەرگە خاتىرجەم ماكان بولالمايدۇ! بۇ زېمىننى سىلەر گۇناھىڭلار بىلەن بۇلغىدىڭلار، ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدىڭلار.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خەلقىم سەۋەبسىزلا ئەسىر قىلىندى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ماختىنىپ چۇقان سېلىپ، مېنىڭ نامىمنى كۈن بويى ھاقارەت قىلماقتا.


بارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرى شان-شۆھرىتى بىلەن ئۆز قەبرىسىدە ياتىدۇ.


«ئاتام جان ئۈزۈش ئالدىدا مېنى ئۆزىنى كەنئاندا تەييارلاپ قويغان يەرلىككە قويۇشۇمغا قەسەم قىلدۇرغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا ئىجازەت بەرسە، ئۇ يەرگە بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ كەلسەم»، _ دېدى.


ئەمما سەن خۇددى قەدىرسىز شاخ-شۇمبىدەك قەبرەڭدىن تارتىپ چىقىرىلىسەن. سەن خۇددى دەسسەپ چەيلەنگەن جەسەتلەردەك، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە جەسەت ئازگاللىرىغا تاشلىۋېتىلىسەن. ئۇ يەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرى سېنىڭ جايىڭ بولىدۇ.


قارا ئۆزۈڭگە، ئەي ئەرباب! پەرۋەردىگار سېنى چىڭ قاماللايدۇ، سېنى ئەمدى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىدۇ!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite