Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 22:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 سىلەر كونا كۆلنىڭ سۈيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا بىر كۆل ياسايسىلەر. ئەمما سىلەر ئاشۇ شەھەرنى سالغان پەرۋەردىگارغا يۈزلەنمەيسىلەر، شۇنداقلا بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ بۇرۇنلا پىلانلىغانلىقىنى ئويلىمايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 22:11
15 Referans Kwoze  

لېكىن مەن پەرۋەردىگارغا تەلپۈنىمەن، قۇتقۇزغۇچىم خۇدانى كۈتىمەن. خۇدايىم ئىلتىجايىمغا چوقۇم قۇلاق سالىدۇ.


مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى، ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى.


شۇ چاغدا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىغا يۈزلىنىدۇ، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغىلا تايىنىدۇ.


بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى.


يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى كۆرۈپ، قاچماقچى بولدى. ئۇلار شۇ كېچىسى شەھەردىن ئايرىلىپ، پادىشاھ باغچىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.


سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن. بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى. سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.


مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى رەت قىلغان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن، مەن ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم.


ئازبۇقنىڭ ئوغلى، يەنى بەيتزۇر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى نەخەمىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى داۋۇت پادىشاھ قەبرىستانلىقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جايدىن سۇ ئامبىرى ۋە باھادىرلارنىڭ بارگاھىغىچە رېمونت قىلدى.


ئەمدى خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى، خەلقىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.


پادىشاھ خىزكىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ كۆل ۋە يەر ئاستى قانىلى ياساپ، شەھەرگە سۇ ئېلىپ كىرگەنلىكى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.


يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى تەكشۈرىسىلەر، سېپىلىڭلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆيلەرنى بۇزۇپ تاشلايسىلەر.


پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭ شىئار-ياشۇبنى ئېلىپ ئاخاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا سۆزۈمنى يەتكۈزگىن. سەن ئۇنى، يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان ئۆستەڭنىڭ ئايىغىدىن، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولنىڭ بويىدىن تاپالايسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite