Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 21:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «دەل بىر يىلدىن كېيىن قېدار خەلقىنىڭ بارلىق شەرىپى ئاخىرلىشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 21:16
11 Referans Kwoze  

قېدارنىڭ قويلىرى يېنىڭغا توپ-توپ بولۇپ يىغىلىدۇ، نىبايوتنىڭ قوچقارلىرى قۇربانلىق قىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا قىلغان قۇربانلىقىڭ قوبۇل بولىدۇ، مەن شەرەپلىك ئىبادەتخانامنى چوقۇم شەرەپلىك قىلىمەن.


ۋاھالەنكى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەل ئۈچ يىلدىن كېيىن، موئابلارنىڭ شۆھرىتى ئاخىرلىشىدۇ، گەرچە ئۇلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ساناقلىقلا ئادەم قالىدۇ، شۇنچە بىچارە بولۇپ قالىدۇ.»


ھالىمغا ۋاي، مۇساپىر بولدۇم مەشەك دىيارىدا، بەختسىز بولدۇم قېدارلارنىڭ چېدىرىدا.


ئەرەبلەر ۋە قېدارنىڭ بارلىق شاھزادىلىرى سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار پاقلان، قوچقار ۋە ئۆچكە ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.


ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، گۈزەلدۈرمەن قارا بولساممۇ، قېدار خەلقىنىڭ چېدىرلىرىدەك قارا بولساممۇ، چىرايلىقمەن سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك.


بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان قېدار خەلقى ۋە خازور زېمىنلىرى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بابىل قوشۇنلىرى، بېرىپ، قېدارلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، شەرقىي قۇملۇقتا ياشاۋاتقان بۇ ئەلنى يوقىتىڭلار.


چۆلدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خەلقلەر جاراڭلىق ئاۋازدا شۈكۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار. قېدارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى خەلقلەر شادلىنىڭلار. سەلا خەلقى خۇشاللىق بىلەن ناخشا ئوقۇڭلار. مەدھىيەلەر تاغ چوققىلىرىدىن ياڭرىسۇن.


تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە نىبايوت، قېدار، ئادبىئېل، مىبسام،


بۇ دۇنيادىكى ئىنسان ھاياتى مۇشەققەتلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى مەدىكارنىڭ كۈنلىرىگە ئوخشىماسمۇ؟


ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نىبايوتتۇر. كېيىنكى ئوغۇللىرى: قېدار، ئادبىئېل، مىبسام،


غەربكە بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ، سىپرۇس ئارىلىنى كۆرۈپ كېلىڭلار! شەرققە ئادەم ئەۋەتىپ، قېدار زېمىنلىرىغا بېرىپ كېلىڭلار! بۇنداق غەلىتە ئىشلارنى ئاڭلاپ باققان بىرەرسى بارمىكىن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite