Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 20:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 چۈنكى ئاسسۇر پادىشاھى، مىسىرلىقلار ۋە ئېفىيوپىيەلىكلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ ۋە سۈرگۈن قىلىدۇ. ياشلار ۋە ياشانغانلار يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز يالىڭاچ ھالدا يۈرىدۇ. بۇ مىسىر ئۈچۈن نومۇس.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 20:4
18 Referans Kwoze  

مەن مىسىرنى بىر زالىم ھۆكۈمرانغا تۇتۇپ بېرىمەن. بىر قۇدرەتلىك پادىشاھ ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.» مانا بۇ، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


مەن سىلەرنىڭ كىيىملىرىڭلارنى يىرتىپ تاشلايمەن. ئۇياتلىق يېرىڭلار ئېچىلىپ قالىدۇ.


سەن بەلكىم ئۆزۈڭدىن: ‹نېمە ئۈچۈن بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ؟› دەپ سورايسەن. گۇناھلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىملىرىڭ يىرتىلىپ، دەپسەندە قىلىندىڭ.


شۇڭا، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوت بىلەن تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق ئەيىبىڭنى يېپىشىڭ ئۈچۈن كىيىدىغان ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتىدىغان مەلھەملەرنى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.


ئەي شافىر ئاھالىسى، يالىڭاچ ۋە خورلۇق ئىچىدە سۈرگۈن بولىسىلەر. زائانان ئاھالىسى شەھەردىن چىقىشقا پېتىنالمايدۇ. بەيت-ئېزەل ئاھالىسى ئېچىنىپ يىغلايدۇ، ئۇلار ئەمدى سىلەرگە پاناھ بولالمايدۇ.


مەن مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋەيران قىلغاندا، تاخپانخېس شەھىرىنى زۇلمەت قاپلايدۇ. ئۇنىڭ ماختىنىدىغان كۈچ-قۇدرىتى يوقىتىلىدۇ، شەھەرنى قارا بۇلۇتلار قاپلايدۇ، ئۇنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئاھالىلىرى ئەسىر ئېلىنىدۇ.


مەن بۇ كىشىلەرنى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىگە، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن، مىسىردا بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك ئادەم ياشايدۇ.


سەن يالىڭاچلىنىپ قېلىپ، نومۇسقا قالىسەن. مەن سەندىن قىساس ئالىمەن، مەن ھېچكىمنى ئايىمايمەن.»


شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار سىئون ئاياللىرىنىڭ بېشىنى تاز قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى چاچسىز قىلىپ، نومۇستا قالدۇرىمەن.»


شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنىڭ بىر تەرىپىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىنى يانپاشلىرىغىچە كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى.


ھازىردىن باشلاپ تۈگمەن تېشى بىلەن ئۇن تارتىسەن. يۈزۈڭدىكى چۈمپەردەڭنى ئېلىپ تاشلا! ئېتەكلىرىڭنى قايرىپ قوي! پاقالچاقلىرىڭنى ئېچىپ، دەريادىن كېچىپ ئۆت!


ئى مىسىر خەلقى، نەرسىلىرىڭلارنى تەييارلاپ، سۈرگۈن قىلىنىشقا ھازىرلىنىڭلار. نوپ شەھىرى ۋەيران بولىدۇ. ئۇ خارابىلىككە ئايلىنىپ، ئادەمزاتسىز قالىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرچە كۇش خەلقى مېنىڭ نەزىرىمدە ئىسرائىللاردەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققىنىمدەك، فىلىستىيەلىكلەرنى كرىت ئارىلىدىن، ئارراملارنى قىر زېمىنلىرىدىن ئېلىپ چىقمىدىممۇ؟


شۇنداقتىمۇ نو خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن بولدى. ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرى دوقمۇش-دوقمۇشلاردا يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى، مۆتىۋەرلەرگە چەك تاشلاندى، يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ھەممىسى كىشەنلىنىپ تۇتۇپ كېتىلدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي كۇشلار، سىلەرمۇ ئۇرۇشتا ئۆلىسىلەر.»


شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىنى يانپاشلىرىغىچە كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى.


پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن دانادۇر ۋە يەنە بالا-قازا ئېلىپ كېلەلىگۈچىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىدىن يانمايدۇ. ئۇ رەزىللىك قىلغۇچىلارغا، ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە قارشى ئاتلىنىدۇ.


مىسىرلىقلار ئىنساندۇر، ئىلاھ ئەمەس! ئۇلارنىڭ ئاتلىرى پەقەت گۆشتۇر، روھ ئەمەس! پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرگەندە، ياردەم بەرگۈچىلەر يىقىلىدۇ، ياردەم سورىغانلارمۇ تۈگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ، تۈگەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite