Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 20:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئاسسۇرلارنىڭ پادىشاھى سارگون باش سەركەردىسىنى ئاشدود شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 20:1
9 Referans Kwoze  

كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى زور قوشۇنى بىلەن بىرگە لاكىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ «يۇقىرىدىكى كۆلچەك»كە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى.


مەن ئاشدود شەھىرىنىڭ ھۆكۈمدارىنى يوقىتىپ، ئاشقىلون شەھىرىنىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن. مەن ئەقرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. ئامان قالغان فىلىستىيەلىكلەر قىرىپ تاشلىنىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


مىسىردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار، ئۇز زېمىنىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئاشقىلون، گازا، ئەقرون خەلقلىرى، ئاشدودتا ھايات قالغانلار،


فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئاتىغان ئۆسمە ھەيكەللىرىنىڭ بىرى ئاشدود، بىرى گازا، بىرى ئاشقىلون، بىرى گات ۋە بىرى ئەقرون ئۈچۈن ئىدى.


فىلىستىيەلىكلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى جەڭ مەيدانى ئەبەنەزەردىن ئاشدود شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى


ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمىدى. بىراق ئۇلاردىن ئازغىنا بىر قىسمى گازا، گات، ۋە ئاشدود شەھەرلىرىدە قېلىپ قالدى.


ئۇززىيا فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، گات، يابنېھ ۋە ئاشدود شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ ئاشدود زېمىنىدا ۋە فىلىستىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا يېڭىدىن شەھەرلەرنى قۇردى.


ئەي فىلىستىيەلىكلەر، دەرۋازىلىرىڭلاردا ئولتۇرۇپ نالە-پەرياد قىلىڭلار! شەھەرلىرىڭلاردا ئۆكسۈپ يىغلاڭلار! پۈتكۈل فىلىستىيەلىكلەر، ۋەھىمىگە پېتىڭلار! شىمال تەرەپتىن بىر قارا تۈتەك كېلىدۇ، ئۇ بىرمۇ لەشكىرى سەپتىن چۈشۈپ قالمايدىغان، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان قوشۇندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite