Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 2:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە غارلارغا ۋە ئۆڭكۈرلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 2:21
12 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە ئۆڭكۈر ۋە ئورەكلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.


سىلەر غارلارغا كىرىۋېلىپ ياكى يەر ئاستىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالامسىلەر؟! ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن ئامان قالالامسىلەر؟!


ئەي كەپتىرىم، يوشۇرۇنۇۋالدىڭ قىيادىكى دالدىغا، مۆكۈۋالدىڭ قورام تاشنىڭ يېرىقلىرىغا. كۆرسەتكىنە جامالىڭنى، ئاڭلاي سېنىڭ ئاۋازىڭنى، چۈنكى شېرىن ئاۋازلىرىڭ، يېقىملىقتۇر چېھرىلىرىڭ.


ئۇلار پەقەت قاقاس جىلغا، غار ۋە ئۆڭكۈرلەردە پاناھلىناتتى.


مېنىڭ پارلاق نۇرۇم ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، مەن سېنى ئاشۇ قورام تاشنىڭ يېرىقىغا مۆكتۈرۈپ، قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. پارلاق نۇرۇم ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن،


ئۇ يەرنى تەۋرىتىپ، ئورنىدىن قوزغىۋېتەلەيدۇ، زېمىننىڭ ئۇلىنىمۇ سىلكىندۈرۈۋېتەلەيدۇ.


ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن قاچقانلار ئورەككە چۈشىدۇ، ئورەكتىن چىققانلار تۇزاققا چۈشىدۇ. ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ۋەيرانچىلىق يامغۇردەك ياغىدۇ، زېمىننىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ كېتىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەمدى ئوتتۇرىغا چىقىمەن، ئەمدى مەن ئورنۇمدىن تۇرىمەن. ئەمدى مەن ئۇلۇغلىنىمەن.


لېكىن مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مەن ھازىر بۇ خەلققە نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن، بېلىقچىلار خۇددى بېلىق تۇتقاندەك، ئۇلار خەلقىمنى تۇتىدۇ. مەن يەنە خەلقىمنى ئوۋلايدىغان ئوۋچىلارنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خەلقىمنى مۇشۇ زېمىندىكى بارلىق تاغلاردىن، دۆڭلەردىن، قورام تاشلارنىڭ يېرىقلىرىدىن ئوۋلايدۇ.


جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر، تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.


ئۇلار كېلىپ تىك جىلغىلارغا، قىيا تاشلارنىڭ ئارىلىقلىرىغا، چاتقاللىقلارغا ۋە يايلاقلارغا جايلىشىدۇ.


ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى تىكەن ۋە ئازغان بېسىپ كېتىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»، ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite