17 ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دۇنيانى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن جازالايمەن، رەزىل ئادەملەرنى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلانغانلارنى پەسلەشتۈرىمەن. شەپقەتسىزلەرچە غادايغانلارنى يەرگە ئۇرىمەن.
ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.
يىقىلدى ئۇلار ھالاك بولۇپ، قەددىمىزنى رۇسلىدۇق بىز تىك تۇرۇپ.
دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»
خۇددى ئەڭ يىراق تارشىشقا بارىدىغان كاتتا كېمىلەرنى ۋە ھەشەمەتلىك كېمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىغاندەك بۇزۇپ تاشلايدۇ.
بۇتلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.
بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ، مۇقەددەس خۇدا ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىدۇ.
پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ