6 مىسىرنىڭ نىل دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى سېسىپ، سۈيى ئاستا-ئاستا ئازىيىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. قومۇشلار ۋە يېكەنلەر قاقشال بولۇپ قالىدۇ.
قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن، تاپانلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ.
سازلىق بولمىسا يېكەن ئۆسەمدۇ، قومۇش سۇدىن ئايرىلالامدۇ؟
ياقا يۇرتلاردا قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن. پۇتلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ.
بېلىقلار تامامەن ئۆلىدۇ، نىل دەرياسى سېسىپ كېتىدۇ. مىسىرلىقلار دەريا سۈيىدىن سەسكىنىپ، ئۇنى ئىچەلمەيدۇ.» _ دېدى.
ئۇ بالىنى يوشۇرالمىغۇدەك يەرگە كەلگەندە، قومۇشتىن بىر سېۋەت توقۇپ، ئۇنى قارا موم بىلەن سۇۋاپ، سۇ ئۆتمەس قىلدى ۋە بالىنى سېۋەتكە سېلىپ، نىل دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇققا يوشۇرۇن بېرىپ، سېۋەتنى سۇغا قويۇۋەتتى.
ئۇلار قومۇشتا ياسالغان كېمىلەر بىلەن دەريا ئارقىلىق ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ. ئەي يەلتاپان خەۋەرچىلەر، زېمىنلىرى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان، تېرىلىرى سىلىق، بويلىرى ئېگىز بولغان ئەلگە بېرىڭلار. يېقىن-يىراقتىكىلەرنى قورقۇتقان ئەلگە، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى ئەلگە بېرىڭلار.
نىمرىم بۇلاقلىرى سۇسىز قالىدۇ، ئوت-چۆپلەرمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، يۇمران مايسىلارمۇ سولىشىدۇ، ھەممە يەر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.
دەريادىن يەتتە تۇياق ساغلام ھەم سېمىز كالا چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلىدى.
ئەي نىنەۋى، سەن نو شەھىرىدىن بىخەتەر ئەمەس! ئۇ شەھەر نىل دەرياسىنىڭ يېنىدا بولۇپ، سۇلار ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئوراپ تۇراتتى. دەريا ئۇنى ئىستىھكامدەك قوغدايتتى.
قومۇش ئۆسكەن تەقدىردىمۇ سۇ بولمىسا، ئورۇلماي تۇرۇپلا باشقا ئوت-چۆپلەردىن بالدۇرلا قۇرۇپ كېتىدۇ.