يەشايا 19:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارغا ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇ چاغ كەلگەندە، مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرى قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلىدۇ ۋە بۇ ۋەدىسىدە تۇرىدۇ. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ مال-مۈلۈكى سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. بويلىرى ئېگىز سىبالىقلار سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىدۇ. ئۇلار قوللىرىدىكى كىشەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭىدۇ. ئۇلار سىلەرگە باش ئېگىپ: ‹خۇدا سىلەرگە يار بولدى، ئۇ بىردىنبىر خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.»
ئەللەر تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ رەت قىلىنغان، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنى كۆرۈپ شاھلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، ساڭا تەزىم قىلىدۇ. چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.»