5 ھوسۇل مەزگىلىدىن بۇرۇن چېچەكلەر توزۇپ، ئۈزۈملەر پىشاي دېگەندە، پەرۋەردىگار يۇمران شاخلارنى كېسىپ تاشلايدۇ، قاتار كەتكەن بۈك-باراقسان ئۈزۈم باراڭلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ.
ئەنجۈرلەر پىشماقتا شاخلىرىدا، تال ئۈزۈملەر چېچەكلەپ، پۇراق چاچماقتا. تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم.»
تۇتۇۋالغىن تۈلكىلەرنى، باغنى بۇزىدىغان تۈلكىلەرنى، چۈنكى چېچەكلىدى ئۈزۈملىرىمىز.
شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.
قارا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن شاخلارنى قىرقىپ تاشلايدۇ! ئېگىز دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلايدۇ، ھاكاۋۇر ئاسسۇرلار يەرگە يىقىتىلىدۇ.