Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 17:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 شۇ چاغدا ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنمايدىغان بولىدۇ، ياكى ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ئۆزلىرى ياسىغان ياغاچ تۈۋرۈككە ئىلتىجا قىلمايدىغان بولىدۇ. ھەمدە ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان ئىسرىقدانلاردا ئىلاھلىرىغا كۈجە كۆيدۈرمەيدىغان بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 17:8
29 Referans Kwoze  

ئاندىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايسىلەر. سىلەر ئۇلارنى ئەسكى كىيىمنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىسىلەر ۋە ئۇلارغا «كۆزۈمدىن يوقال!» دەيسىلەر.


لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.


ئۇلارنىڭ زېمىنى بۇتلارغا تولدى، ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىگە، يەنى ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇندى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن بۇ زېمىندىن بۇتلارنى يوقىتىمەن. ئۇلارنىڭ نامى ئۇنتۇلىدۇ. مەن يەنە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە خەلقنىڭ ناپاكلىققا ئىنتىلىش روھىنى بۇ زېمىندىن يوقىتىمەن.


ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، ئاسماندىكى قۇشلارنى، دېڭىزدىكى بېلىقلارنى ھالاك قىلىمەن. رەزىللەرنى يوقىتىمەن، يەر يۈزىدىن ئىنسانلارنى يوق قىلىمەن. بۇنى مەن پەرۋەردىگار جاكارلىدىم.


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مېنىڭ بۇتلار بىلەن ئىشىم يوق، سىلەرنىڭمۇ ئىشىڭلار بولمىسۇن. دۇئايىڭلارغا قۇلاق سالغۇچى ۋە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن بۈك-باراقسان قارىغايغا ئوخشايمەن. مەن ئالغان مول ھوسۇلۇڭلارنىڭ مەنبەسىدۇرمەن.»


ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.


بۇ دەرەخنىڭ بىر قىسمىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ ئىسسىنىدۇ ھەم نان پىشۇرىدۇ. يەنە بىر قىسمىدا ئۆزى چوقۇنىدىغان بىر «ئىلاھ»نى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.


سىلەر ياخشى كۆرگەن دۇپ دەرەخلىكىدىكى بۇتپەرەسلىكىڭلار سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىسىلەر، سىلەر بۇتلارغا تولغان باغلارنى چوقۇنىدىغان جاي قىلىپ تاللىغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن شەرمەندە بولىسىلەر.


خەلق پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئىلاھ بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىسرىقدانلارنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى، ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى بۇزۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلدى ھەمدە ئۇلارنى چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە چېچىۋەتتى.


ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە ئىسرىقدانلارنى يوقاتتى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە پادىشاھلىقتا تىنچ-ئامانلىق بولدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى ۋە ئىلاھەسى ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى چېقىۋېتىڭلار


سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چۇۋۇۋېتىڭلار، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتتىڭلار، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، باشقا بۇتلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار.


ئۇلار ئىزدىسىمۇ، چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار، نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار.


شۇ چاغدا ئىسرائىللارنىڭ قالغان ئاز بىر قىسمى، يەنى ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى مەغلۇپ قىلماقچى بولغان ئاسسۇرلارغا تايانماي، ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تاپشۇرىدۇ.


بۇ چاغدا ئىسرائىللارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى تاشلاندۇق خارابىلىككە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ شەھەرلەر، ئىلگىرى خەلقلىرى ئىسرائىللارنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ، تاشلاپ كەتكەن شەھەرلەردەك ئادەمسىز قالىدۇ.


ئۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ئوتقا تاشلىدى، چۈنكى بۇ ئىلاھلار خۇدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار، ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىدى، شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى ۋەيران قىلالىدى.


قاراڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ھېچبىر ئىشنى قىلالمايدۇ، ئۇلار خۇددى شامالغا ئوخشاش يوقلۇقتۇر.»


ھەتتا بالىلىرىڭلارمۇ دۆڭلەر ئۈستىدىكى بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.


ھەممە ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، توپلانغان ئىسرائىللار يەھۇدا، بىنيامىن، ئەفرايىم، ماناسسە زېمىنلىرىدىكى ھەممە شەھەرلەرگە بېرىپ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى. غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلارنى بۇزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز شەھەرلىرىگە ۋە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.


دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite