Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 17:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئېتىزلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ يەرلەر زىرائەتلەر يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى رافاھ جىلغىسىدەك قاقاس بولۇپ قالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 17:5
13 Referans Kwoze  

ئۇلارنى ئۆسۈشىگە قويۇۋېتىڭلار. ئورما ۋاقتىدا، مەن ئورمىچىلارغا: ˜ئاۋۋال ياۋا ئوتلارنى يۇلۇپ، كۆيدۈرۈش ئۈچۈن باغلاپ يىغىۋېلىڭلار، ئاندىن بۇغدايلارنى يىغىپ ئامبىرىمغا قاچىلاڭلارŒ دەيمەن» دەپتۇ خوجايىن.


زىرائەتلەر پىشتى، ئورغاق سېلىڭلار. ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكى ئۈزۈمگە تولدى، كېلىپ ئېزىڭلار. خۇددى شاراب ئىدىشلىرىدىن شاراب تاشقاندەك، ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىمۇ تولۇپ تاشتى.»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇن ئۆتمەي بابىلدا ھوسۇل يىغىش باشلىنىدۇ، بابىل خەلقى خامانغا ئوخشاش دەسسەپ يانجىلىدۇ.»


فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىنىڭ ھەممە يېرىدە بارگاھ قۇردى.


كېيىن فىلىستىيەلىكلەر يەنە كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىنىڭ ھەممە يېرىدە بارگاھ قۇردى.


ئەي يەھۇدىيە، سىلەر ئۈچۈنمۇ مەن بىر جازا كۈنىنى بېكىتتىم.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەر قېتىم خەلقىمنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى،


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى خۇددى گەندىلەردەك ھەممە يەرلەرنى قاپلىغان. ئۇلار خۇددى ئورىۋېتىلگەن، ئەمما باغلانمىغان زىرائەتلەردەك يەرلەردە چېچىلىپ ياتىدۇ.›»


مەيلى ئۇلار تىكىلگەن كۈنى كۆكلىگەن بولسۇن، ياكى شۇ كۈنى ئەتىگەندە بىخ چىقارغان بولسۇن، لېكىن شۇ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈن كەلگەندە، سىلەرنىڭ ھوسۇلۇڭلا يوقىلىدۇ.


كېيىن يىبۇسلار شەھىرىنىڭ (يېرۇسالېم شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جەنۇبىي تەرىپىدىكى بەنھىننوم جىلغىسىدىن ئۆتۈپ، ھىننوم جىلغىسىنىڭ غەربىدىكى ئېدىرلىققا، يەنى رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىنىڭ ئاخىرىغىچە بارىدۇ.


كېيىن يەنە رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ۋە بەنھىننوم جىلغىسى يېنىدىكى ئېدىرلىقتىن تۆۋەنگە قاراپ، ھىننوم جىلغىسىنى بويلاپ، يىبۇسلار شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىقتىن ئۆتۈپ، روگېل بۇلىقىغا بارىدۇ.


چۆپلەر قۇرۇپ، يېڭى چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا، تاغ باغرىدىكى ئوتلار ئورۇلغاندا،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite