Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 17:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 گەرچە ئۇلار دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كەلسىمۇ، خۇدانىڭ ئەيىبلىشى بىلەن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېدىرلىقتا شامال ئۇچۇرغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرغان توزاندەك قېچىپ كېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 17:13
33 Referans Kwoze  

سوراق قىلىپ يات ئەللەرنى، ھالاك قىلدىڭ رەزىل خەلقلەرنى، ئۆچۈرۈۋەتتىڭ مەڭگۈگە ناملىرىنى.


بىراق يامانلار ئوخشىماس ئۇلارغا، ئۇلار ئوخشار شامالدا سورۇلغان توپانغا.


ئۇلار قاچان شامالدا قالغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن توپاندەك بولۇپ باققان؟


ئەمما سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ تۇيۇقسىزدىن توپىدەك توزۇپ كېتىدۇ. سېنىڭ نۇرغۇن رەقىبلىرىڭ شامالدىكى چاڭ-توزاندەك يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنتايىن تۇيۇقسىز، ھەش-پەش دېگۈچە يۈز بېرىدۇ.


شۇڭا ئۇلار خۇددى سەھەردىكى تۇمان ۋە ئەتىگەندىكى شەبنەمدەك، خامان ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن توپاندەك، تۇرخۇندىن ئۇچۇپ چىققان ئىستەك بىر دەمدىلا غايىب بولىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇن پارچىلىرى خۇددى يازدا خاماندىكى ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك غايىب بولۇپ، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، زور قۇدرەتلىك قىلىچى بىلەن يۈگۈرۈك يۆگىمەچ يىلان لىۋياتاننى جازالايدۇ. ئۇ، قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقى لىۋياتاننى ئۆلتۈرىدۇ.


مەن ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنىدا ئاسسۇرلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن، خەلقىمنىڭ تاغلىرىدا ئۇلارنى دەسسەپ چەيلەيمەن. ئۇلارنىڭ سالغان قۇللۇق بويۇنتۇرۇقى خەلقىمنىڭ بوينىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكى خەلقىمنىڭ زىممىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى يىراق قوغلىۋەتكەي، ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي.


‹بولدى قىل، پاسىلىڭدىن ئېشىپ كەتمە، ئەسەبىي دولقۇنلىرىڭمۇ مۇشۇ يەردە توختىسۇن!› دېدىم.


تىنچىتىسەن دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەم يات ئەللەرنىڭ توپىلاڭلىرىنى.


شۇڭلاشقا مەن پەرۋەردىگار خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ شىددەتلىك سۈيىدەك، ئاسسۇر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك قوشۇنلىرىنى ئۇلارغا قارشى باشلاپ كېلىمەن. بۇ قوشۇنلار خۇددى كەلكۈندەك، بوغۇزلارنى بۆسۈپ، قىرغاقلاردىن تېشىپ كېتىدۇ.


ئۇلار قىلىچ ئاستىدىن قاچقانلار، غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچتىن، كىرىچى تارتىلغان ئوقيادىن، شۇنداقلا قايناق ئۇرۇشتىن قاچقانلار.


ئۇ سېنى سەللىنى ئورىغاندەك چىڭ ئوراپ، يىراق، كەڭرى بىر زېمىنغا تاشلاپ قويىدۇ. ئۇ يەردە سەن ئېسىل جەڭ ھارۋىلىرىڭ بىلەن ئۆلىسەن. سەن ئۆز پادىشاھىڭنىڭ يۈزىنى تۆكىسەن.›»


پەرۋەردىگار زېمىننى ئاشۇلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ، ئۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇ زېمىننى مەڭگۈلۈك ئىگىلەيدۇ، ئۇلار بۇ يەردە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ياشايدۇ.


قاراڭلار، ھەرقايسى ئەللەر چېلەكتىكى بىر تامچە سۇغا ئوخشايدۇ. ئۇلار تارازىدىكى چاڭ-توزانغا ئوخشايدۇ. پەرۋەردىگار ئاراللارنى خۇددى چاڭ-توزاننى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەلەيدۇ.


ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى خۇددى ئەمدىلا تىكىلگەندەك، خۇددى ئەمدىلا تېرىلغاندەك، ئەمدىلا ئۈنۈپ چىققان مايسىدەك، پەرۋەردىگار بىرلا پۈۋلىسە قۇرۇپ كېتىدۇ. بوران ئۇلارنى خۇددى پاخالدەك ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.


سىلەرگە غەزەپلەنگەنلەر چوقۇم شەرمەندە بولۇپ، نومۇس قىلىدۇ. سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولۇپ، يوقىلىدۇ.


ۋاقتىڭلار توپىدەك توزۇماستا ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىت يېتىپ كەلمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتى يانماستا، ئۇنىڭ قەھر-غەزەپ كۈنى يېتىپ كەلمەستە ئۇيقۇڭنى ئاچ!


ئەيمىنەر كارامەتلىرىڭدىن يىراقتىكى ئەللەر، شەرقتىن-غەربكىچە كۈي ياڭرىتار خەلقلەر.


ئۇنىڭ نەپەسلىرى دۈشمەنلىرىنى بوغۇزىغىچە چۆكۈرۈۋېتىدىغان كەلكۈنگە ئوخشايدۇ. ئۇ، ۋەيران قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنى ئەلگەكتە تاسقىغاندەك تاسقايدۇ. ئۇ، ئۇلارغا يۈگەن سېلىپ، ئۇلارنى خارابىلىككە باشلاپ بارىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite