Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 17:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 مەيلى ئۇلار تىكىلگەن كۈنى كۆكلىگەن بولسۇن، ياكى شۇ كۈنى ئەتىگەندە بىخ چىقارغان بولسۇن، لېكىن شۇ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈن كەلگەندە، سىلەرنىڭ ھوسۇلۇڭلا يوقىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 17:11
18 Referans Kwoze  

ئىسرائىلىيەلىكلەر شامال تېرىپ، بوراندىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى دان تۇتمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇن چىقمايدۇ. ھوسۇل ئالغان تەقدىردىمۇ، ھوسۇلىنى يات خەلقلەر يەيدۇ.


مەن كۆردۈمكى، كىم بالا تېرىسا بالا شۇنىڭ بېشىغا كېلىدىكەن، زەھەرلىك ئۇرۇق تېرىغانلار زەھەرلىك ھوسۇل ئالىدىكەن.


گۇناھىڭغا توۋا قىلماي، جاھىللىق قىلىشىڭ بىلەن خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغايسەن. خۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدىغان كۈنى، سەن ئۆز بېشىڭغا ئۆزۈڭ چىققان بولىسەن.


ئىسرائىلىيەلىكلەر زەربىگە ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئەمدى مېۋە بەرمەيدۇ. گەرچە پەرزەنت يۈزى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمەن.»


ئاتالمىش پەيغەمبەرلەر يالغان سۆزلەيدۇ، روھانىيلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە خەلقىنى باشقۇرىدۇ، خەلقىم شۇنى خالايدۇ. لېكىن بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە ئۇلار نېمە ئىش قىلالايدۇ؟»


مايسىلار ئۈنۈپ چىقار سەھەردە، سولىشىپ كېتەر ئاخشامغىچە.


مېھنىتىڭلار ئۈنۈمسىز بولىدۇ، چۈنكى يېرىڭلاردىن ھېچنېمە ئۆسمەيدۇ، مېۋىلىك دەرىخىڭلار مېۋە بەرمەيدۇ.


ئۈزۈم تىكىپ، ئۈزۈملۈك بەرپا قىلساڭلارمۇ، ئۈزۈم يىيەلمەيسىلەر، شاراب ئىچەلمەيسىلەر. چۈنكى ئۈزۈمۈڭلارنى قۇرتلار يەپ كېتىدۇ.


ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئېتىزلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ يەرلەر زىرائەتلەر يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى رافاھ جىلغىسىدەك قاقاس بولۇپ قالىدۇ.


ئۇرۇقلار تۇپراقتا سېسىپ كەتتى، زىرائەتلەر قۇرۇپ كەتتى، ئاشلىق ئامبارلىرى بوش قالدى، ئۇلار خاراب بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite