Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 16:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 شۇڭا مەن يازېر بىلەن سىبماھتىكى ئاشۇ ئۈزۈمزارلىققا ئېچىنىمەن. ئەي خەشبونلۇقلار ۋە ئەلئالىلىقلار، كۆز ياشلىرىمغا چىلىشىپ كېتىسىلەر، سىلەرنىڭ مەي باغلاپ پىشقان مېۋە-چېۋەڭلار ۋە مول ھوسۇل شادلىقىڭلار ئاخىرلىشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 16:9
8 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر يەھۇدىيە زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ، مىزپاھتىكى گىداليانىڭ يېنىغا كەلدى. ئاندىن ئۇلار زېمىندا ماكانلىشىپ، ئۈزۈم ۋە يازلىق مېۋىلەردىن ھوسۇل ئالدى.


ماڭا كەلسەك، مەن مىزپاھتا تۇرۇپ، بىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان بابىللىقلار ئالدىدا سىلەرگە ۋەكىللىك قىلىمەن. سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلار ئىگىلىگەن شەھەرلەرگە ماكانلىشىڭلار. ئۈزۈملەر، يازلىق مېۋىلەر ۋە زەيتۇنلاردىن ھوسۇل ئېلىپ ساقلاڭلار.


ئى خۇدا، سەن خەلقنى كۆپەيتكەنسەن. سەن ئۇلارغا كۆپ خۇرسەنلىك ئاتا قىلغانسەن، ئۇلار سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا شادلىنىدۇ، خۇددى ھوسۇل ئالغاندا شادلىققا تولغانغا ئوخشاش، خۇددى ئولجىلارنى بۆلۈشكەن چاغدا شادلىققا چۆمگەنگە ئوخشاش.


ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ، ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، ئېزىپ شاراب چىقىرىپ، ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ يەپ-ئىچىپ، ئابىمەلەككە لەنەت ئوقۇشتى.


چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ، ماتەملىك كىيىم كىيىشىدۇ، قاتتىق يىغلىشىپ، ھەسرەت چېكىشىدۇ.


_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر خەلقى ئۈچۈن ھازا تۇت. ئۇلارنى ۋە قۇدرەتلىك ئەللەرنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا مەھكۇم قىل.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite