Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 16:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 خەشبون شەھىرىنىڭ دالالىرىدىكى زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ. سىبماھ شەھىرىدىكى باراقسان ئۈزۈمزارلىقلارمۇ يوقىلىدۇ. يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. بۇ ئۈزۈمزارلىقلار يازېر شەھىرىدىن ئۆتۈپ چۆللەرگىچە تۇتاشقانىدى، ئۇلار شاخلارنى چىقىرىپ، دېڭىزغىچە باراقسانلاشقانىدى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 16:8
13 Referans Kwoze  

خەشبون ۋە ئەلئالى شەھەرلىرىنىڭ خەلقلىرى ياردەم تىلەپ يىغلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ يىغا-زار ئاۋازلىرى يىراقتىكى ياھاز شەھىرىگىچە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا موئاب لەشكەرلىرى قورقۇنچتىن چۇقان سېلىپ، تىترەپ كېتىدۇ.


نىبو، بائال-مىئون (بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ئۆزگەرتىلدى) ۋە سىبماھ قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.


يازېر شەھىرى سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرغانغا ئوخشاش، مەنمۇ سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ، ياش تۆكىمەن. سىبماھنىڭ ئۈزۈم تاللىرى بىر ۋاقىتلاردا ئۆلۈك دېڭىز ۋە يازېر شەھىرىگىچە يېتىپ بارغانىدى. ۋەيران قىلغۇچىلار يازلىق مېۋىلىرىڭلارنى ۋە ئۈزۈملىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.


ئۈزۈملۈكلەر ۋەيران قىلىنىدۇ، يېڭى شارابلار يوق بولىدۇ، ئويۇن-تاماشاغا بېرىلگۈچىلەر ئاھ ئۇرىدۇ.


شۇڭا مەن يازېر بىلەن سىبماھتىكى ئاشۇ ئۈزۈمزارلىققا ئېچىنىمەن. ئەي خەشبونلۇقلار ۋە ئەلئالىلىقلار، كۆز ياشلىرىمغا چىلىشىپ كېتىسىلەر، سىلەرنىڭ مەي باغلاپ پىشقان مېۋە-چېۋەڭلار ۋە مول ھوسۇل شادلىقىڭلار ئاخىرلىشىدۇ.


ئەمما ئاسسۇر پادىشاھى مېنىڭ ئۆزىنى ئەۋەتىدىغىنىمنى بىلمەيدۇ، ئۇ كۆڭلىدىمۇ بۇنداق ئويلىمايدۇ. ئۇ پەقەت باشقا خەلقلەرنى ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ، ئۇ پەقەت باشقا ئەللەرنى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدۇ.


ئەي گىلبوۋا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا شەبنەم ياكى يامغۇر چۈشمىسۇن، يەرلىرىڭلاردىن ھوسۇل چىقمىسۇن! چۈنكى يېرىڭلاردا باتۇرلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى. سائۇلنىڭ قالقىنى ماي بىلەن ئەمەس،


ئۇلارنىڭ زېمىنى يازېر، گىلئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ۋە رابباھ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئاروئېر شەھىرىگىچە بولغان ئاممون زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


قىرياتائىم، سىبماھ ھەمدە جىلغىدىكى دۆڭلۈككە جايلاشقان زەرەت-شاخار،


_ ئاتاروت، دىبون، يازېر، نىمراھ، خەشبون، ئەلئالى، سىبام، نىبو، بىئون قاتارلىق


مۇسا يازېر شەھىرىنى چارلاشقا ئادەم ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ جايدىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقاردى.


ئاتروت-شوفان، يازېر، يوگبوھا،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite