Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 16:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ۋاھالەنكى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەل ئۈچ يىلدىن كېيىن، موئابلارنىڭ شۆھرىتى ئاخىرلىشىدۇ، گەرچە ئۇلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ساناقلىقلا ئادەم قالىدۇ، شۇنچە بىچارە بولۇپ قالىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 16:14
18 Referans Kwoze  

موئاب ۋەيران قىلىنىپ، قايتىدىن بىر ئەل بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى.


بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى. ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى. يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى.


ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «دەل بىر يىلدىن كېيىن قېدار خەلقىنىڭ بارلىق شەرىپى ئاخىرلىشىدۇ.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دانا كىشىلەر ئۆز دانالىقى ھەققىدە ماختانمىسۇن. كۈچلۈك ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكى ھەققىدە ماختانمىسۇن. بايلار ئۆز بايلىقلىرى ھەققىدە ماختانمىسۇن.


سىئون تېغى پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا بولىدۇ، ئۇ، موئابلارنى قىغ ئازگىلىدىكى ساماننى دەسسىگەندەك دەسسەيدۇ.


«شۇ چاغدا ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ شۆھرىتى تۈگەيدۇ. خۇددى قاۋۇل ئادەم ئورۇقلاپ كەتكەندەك بولىدۇ.


مەنمۇ موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن. ئۇنىڭ مۇساپىرلىرى زوئار ۋە ئەگلات-شىلشىيا شەھەرلىرىگە قاچىدۇ. ئۇلار ئېگىزلىكتىكى لۇخىت شەھىرىگە بارغۇچە يىغلاپ ماڭىدۇ. خورونايىم شەھىرىگە بارغۇچە ۋەيرانچىلىقىدىن نالە-پەرياد قىلىپ ماڭىدۇ.


بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغان ۋاقىتقىچە، سىلەرنى ۋەھىمىگە سالغان ئىككى پادىشاھنىڭ زېمىنى ئاللىبۇرۇن تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ.


ھامون ئۇلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز بايلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدە پو ئاتتى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى قانداق ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئالىي ئەمەلدارلار بىلەن بەگلەردىن يۇقىرى قىلغانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى.


ئەكسىچە، ئۇلارغا سېخىيلىق قىلىڭلار، ئۇلارغا قانچىلىك كېرەك بولسا، شۇنچىلىك قەرز بېرىڭلار.


ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: «ياقۇپ ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى بۇلىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقى بىزنىڭ ئاتىمىزنىڭ مال-مۈلكى ئىدى!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى.


بۇ دۇنيادىكى ئىنسان ھاياتى مۇشەققەتلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى مەدىكارنىڭ كۈنلىرىگە ئوخشىماسمۇ؟


ئۇنى تىنچ قوي، دەم ئالسۇن، مەدىكارلارغا ئوخشاش كۈندىلىك ئىشىنى تىنچ تۈگەتسۇن.


ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بىرلىشىپ، غەربتىكى فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى خەلقلەرنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇلار ئىدوم ۋە مۇئابلارنى بويسۇندۇرىدۇ، ئاممونلار ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ.


يۇقىرىدىكى ۋەقەلەر پەرۋەردىگارنىڭ موئابلارغا ئالدىن بەرگەن بېشارىتىدۇر.


خۇددى سۇ ئۈزگۈچى سۇنى ئالقىنىدا باسقىنىدەك، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى يەرگە باسىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite