Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 16:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شادلىق ۋە خۇشال كۈلكەڭلار باغلىرىڭلاردىن يوقىلىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلاردا ھېچكىم خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتمايدۇ، شادلىق سادالىرىنى ياڭراتمايدۇ. ھېچكىم ئۈزۈملەرنى يانجىپ، ئۈزۈم ھارىقى ياسىمايدۇ. سىلەرنىڭ خۇشاللىق سادالىرىڭلار ئاخىرلىشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 16:10
13 Referans Kwoze  

شاد-خۇراملىق موئابنىڭ مۇنبەت زېمىنىدىن يوقىلىدۇ. مەن ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىن ئېقىۋاتقان ئۈزۈم شەربىتىنى توختىتىمەن. ھېچكىم ئۇ يەردە ئۈزۈملىرىنى يانجىپ، خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىمايدۇ. بۇ يەردە ۋارقىراشلار بولىدۇ، لېكىن بۇ خۇشاللىقتىن ئەمەستۇر.


پۈتكۈل ئۈزۈمزارلىقلار يىغا-زارغا تولىدۇ، چۈنكى مەن زېمىنىڭلاردىن ئۆتىمەن، سىلەرنى جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


سىلەر يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى ئالۋان-سېلىق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىسىلەر. شۇڭا سىلەر يونۇلانغان تاشلاردىن سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرالمايسىلەر، ھەم ئۆزۈڭلار ياخشى ئۆستۈرگەن ئۈزۈمزارلىقىڭلاردىن چىققان شارابلارنى ئىچەلمەيسىلەر.


ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ، ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، ئېزىپ شاراب چىقىرىپ، ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ يەپ-ئىچىپ، ئابىمەلەككە لەنەت ئوقۇشتى.


ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ، ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇلار ھېچقاچان ئۆزلىرى سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ. ئۇلارغا ئۆز ئۈزۈمزارلىقىدىن چىققان شارابنى ئىچىش نېسىپ بولمايدۇ.»


غەمسىز يۈرۈۋاتقان سىلەرگە بىر يىلدىن كېيىن قورقۇنچ كېلىدۇ. ئۈزۈم تەكلىرىدىن ھوسۇل چىقمايدۇ، باشقا مېۋىلەردىنمۇ ھوسۇل ئالالمايسىلەر.


ئۇلار رەزىللەرنىڭ زەيتۇنلۇقىدا ياغ تارتىدۇ، ئۈزۈملەرنى ئېزىپ شەربەت چىقىرىدۇ، لېكىن چاڭقاپ كەتسىمۇ، شەربەتتىن ئىچەلمەيدۇ.


شارابسىز قالغان كىشىلەر كوچىلاردا ۋارقىرىشىپ يۈرۈشىدۇ. ھەممە شادلىق قايغۇغا ئايلىنىدۇ. يەر يۈزىدىن خۇشاللىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.


ئۈزۈم تاللىرى قۇرۇدى، ئەنجۈرلەر سولىشىپ قالدى، باغدىكى ئانار، خورما ۋە ئالما دەرەخلىرى ئۆلدى. كىشىلەردە خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق ياخشى كۈنلەر كېلىدۇكى، دېھقانلار مول ھوسۇلىنى يىغىپ بولغۇچە، يەنە بىر يەر ئاغدۇرۇش ۋاقتى كېلىدۇ. ئۈزۈملىرىنى يانجىپ بولغۇچە، يەنە بىر ئۈزۈم پىششىقى كېلىدۇ. تاغلاردىن شەربەت تېمىپ، دۆڭلەردىن ئېقىپ چۈشىدۇ.


ئەي ئىسرائىل زېمىنىدا ياشاۋاتقانلار، ھالاك بولىسىلەر! ۋاقتىڭلار توشتى، كۈنۈڭلار تۈگىدى، ئەمدى تاغلاردا خۇشاللىق ئورنىغا داد-پەرياد چۇقانلىرى ئاڭلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite