Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 16:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 سەلا شەھىرىدىن چىقىپ چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سىئون تېغىغا بېرىپ، زېمىننىڭ ھۆكۈمدارىغا قوينىڭ قوزىلىرىنى تارتۇق قىلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 16:1
8 Referans Kwoze  

بۈگۈن ئاسسۇرلار نوب شەھىرىدە توختايدۇ، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى، يەنى سىئون تېغىدىكى خەلققە مۇشت كۆتۈرىدۇ.


موئاب پادىشاھى مېشا قويچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى يۈز مىڭ پاقلاننى ۋە يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئولپان ھېسابىدا تاپشۇراتتى.


ئامازيا تۇز جىلغىسىدا 10 مىڭ ئىدوملۇقنى ئۆلتۈردى. ئۇ سەلا شەھىرىنى جەڭ بىلەن ئېلىپ، شەھەرنىڭ ئىسمىنى يوقتىئېل دەپ ئۆزگەرتتى. بۇ شەھەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.


ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە يېتىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن تانا بىلەن ئۇلارنى ئۆلچەپ، ئىككى تانا ئۇزۇنلۇقى ئىچىدىكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بىر تانا ئۇزۇنلۇقى ئىچىدىكىلەرنى ساق قالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، تىرىك قالغان موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى.


چۆلدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خەلقلەر جاراڭلىق ئاۋازدا شۈكۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار. قېدارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى خەلقلەر شادلىنىڭلار. سەلا خەلقى خۇشاللىق بىلەن ناخشا ئوقۇڭلار. مەدھىيەلەر تاغ چوققىلىرىدىن ياڭرىسۇن.


بۇلارغا بۇقا، قوچقار، پاقلانلارنى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق، شارابلارنى سېتىۋېلىپ، سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەدىيە قىلغايلا.


ئەي يېرۇسالېم، سەن خەلقنىڭ كۆزىتىش مۇنارى ۋە قەلئەسىسەن. سېنىڭ سەلتەنىتىڭ ئەسلىگە كېلىپ، يەنە بىر قېتىم پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولىسەن.»


بارلىق ئىسرائىللار مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھقا تاپشۇرۇپ بەرسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite