6 نىمرىم بۇلاقلىرى سۇسىز قالىدۇ، ئوت-چۆپلەرمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، يۇمران مايسىلارمۇ سولىشىدۇ، ھەممە يەر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.
بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى قايتىدىن بىنا قىلدى ۋە چارۋا ماللار ئۈچۈن قوتانلارنى ياسىدى.
بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، مۆلدۈر بىلەن ئوت قانغا ئارىلاشقان ھالدا ياغدۇرۇلدى. زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيۈپ كەتتى.
ئىئوردان ۋادىسىدىكى بەيت-خارام، بەيت-نىمراھ، سۇككوت، زافون شەھىرى، شۇنداقلا سىخون پادىشاھ خەشبوندا تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان باشقا زېمىنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ، شىمالدىكى جەلىلىيە كۆلىنىڭ ئايىغىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن شەرققە قايرىلىدۇ.
_ ئاتاروت، دىبون، يازېر، نىمراھ، خەشبون، ئەلئالى، سىبام، نىبو، بىئون قاتارلىق
بۇ يىغا-زار خەشبوندىن تاكى ئەلئالى ۋە ياھازغىچە، زوئاردىن خورونايىم ۋە ئەگلات-شىلىشىياغىچە ئاڭلىنىدۇ. ھەتتا نىمرىمنىڭ ئېقىنلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.
ھەتتا بۇغىلارمۇ دالالاردا ئوت-چۆپلەر بولمىغانلىقتىن، يېڭى تۇغۇلغان بۇغىچاقلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوت يانىدۇ، ئارقىسىدىمۇ ئاتەش يالقۇنلايدۇ. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن ئېرەم باغدەك گۈزەل بولسا، كېلىپ كەتكەندىن كېيىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ھېچنېمە ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.