Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 15:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇ، موئاب توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: موئابتىكى ئار شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ! موئابتىكى قىر شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 15:1
20 Referans Kwoze  

ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بىرلىشىپ، غەربتىكى فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى خەلقلەرنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇلار ئىدوم ۋە مۇئابلارنى بويسۇندۇرىدۇ، ئاممونلار ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ.


يالقۇن خەشبوندىن چىقتى، سىخون شەھىرىدىن ئاتەش ياندى. موئابنىڭ ئار شەھىرىنى يالماپ، ئارنون ئېگىزلىكىنىڭ پۇقرالىرىنى كۆيدۈردى.


سىئون تېغى پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا بولىدۇ، ئۇ، موئابلارنى قىغ ئازگىلىدىكى ساماننى دەسسىگەندەك دەسسەيدۇ.


شۇ سەۋەبتىن، مېنىڭ يۈرىكىم خۇددى ماتەم مۇزىكىسى چالغاندەك موئابلار ئۈچۈن يىغلايدۇ، قىرخەرەس شەھىرىنىڭ خەلقى ئۈچۈن زارلانماقتىمەن.


شۇڭا موئابلارنىڭ نالە-پەريادىغا ئېرەن قىلماڭلار، موئابلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن. ئۇلارنىڭ قىرخەرەستىكى كىشمىشلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.


پادىشاھ ئاخاز ئۆلگەن يىلى پەرۋەردىگاردىن بۇ ۋەھىي كەلدى:


ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى:


ئىسرائىللار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، مۇنبەت ئېتىزلارنى تاش بىلەن توشقۇزۇۋەتتى. ئۇلار بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇپ، بارلىق مېۋىلىق دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلىدى. پەقەت سېپىللىرى تاشتىن سوقۇلغان قىرخەرەس شەھىرىلا قالدى. سالغا ئاتقۇچىلار بۇ شەھەرنى قورشاپ، ھۇجۇم قىلىشتى.


«بۈگۈن موئابنىڭ چېگراسىدىن ئار شەھىرى ئارقىلىق ئۆتۈڭلار.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «موئابلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار، ئۇلارنىڭ زېمىنى بولغان ئارنى سىلەرگە بەرمەيمەن. مەن ئۇ زېمىننى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن.»


ئۇ موئابلارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئۆرۈپ، گۇمران قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.


ئاممون خەلقىنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە بەرمەيمەن، مەن ئۇ يەرنى لوتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن.»


بىز موئابلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ئاڭلىغان، ئۇلار شۇنداق ھاكاۋۇر ئىدىغۇ! ئۇلار ھاكاۋۇرلۇقىدىن، كىبىرلىكىدىن كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلىغىنى بىكار بولدىغۇ!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite