9 يەر ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر دۇنياسى سېنى خۇشال قارشى ئالىدۇ، بۇرۇن يەر يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ، بۇرۇنقى پادىشاھلار چىرىگەن تەختلىرىدىن قوپۇپ سېنى كۈتۈۋالىدۇ.
ئەي خەلقىم، بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار! خۇددى پادىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان سەركىلەرگە ئوخشاش بابىل زېمىنىدىن باشتا چىقىڭلار.
داناغا ئۇزۇن ئۆمۈر بېغىشلار ھاياتلىق يولى، ئۆلۈكلەر ماكانىدىن يىراقلاشتۇرار ئۇنى.
شۇ تۈپەيلىدىن گۆرنىڭ ئىشتىھاسى يوغىناپ، ئاغزى چەكسىز يوغان ئېچىلىدۇ. ئۇ يېرۇسالېمنىڭ نوپۇزلۇقلىرى ۋە پۇقرالىرىنى يۇتۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئويۇن-تاماشا قىلغانلارنىمۇ يۇتۇپ كېتىدۇ.
ئۇ چاغدا سەن ئۆلۈكلەر ماكانىدا بۇرۇنقى زاماندا ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن بىرگە بولىسەن، سەن ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ياشايسەن. سەن ھېچقاچان قايتىپ كېلەلمەيسەن، تىرىكلەر دۇنياسىدىكى بۇرۇنقى ئورنۇڭغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن.