Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 14:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەي، بابىل پادىشاھى! لىۋاننىڭ كىپارىس ۋە كېدىر دەرەخلىرى سېنىڭ ئاقىۋىتىڭدىن چەكسىز شادلىنىدۇ. ئۇلار: «سېنى يوقاتقاندىن كېيىن ھېچكىم كېلىپ بىزنى كەسمەيدۇ» دەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 14:8
5 Referans Kwoze  

مېنىڭ ئۇ كېدىر دەرىخىنى باشقىلار بىلەن بىرگە ئۆلۈكلەر ماكانىغا بەند قىلغانلىقىمنى باشقا ئەللەر ئاڭلاپ، قورقۇپ، تىترىشىپ كەتتى. ئىلگىرى ئېرەم باغ ۋە لىۋاندىكى چېغىدا تولۇق سۇغۇرۇلغان ئەڭ ياخشى ۋە ئېسىل دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭمۇ ئۆلۈكلەر ماكانىغا كەلگەنلىكىدىن تەسەللى تېپىشتى.


ئەي قارىغايلار، يىغلاڭلار، چۈنكى كېدىر دەرەخلىرى ئۆرۈلدى. ھەيۋەتلىك دەرەخلەر ۋەيران بولدى. ئەي باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرى، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، چۈنكى قويۇق ئورمانلىقلار كېسىلدى.


جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى سۇنۇپ كېتەر كېدىر دەرەخلىرى، شۇنداق، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىدا پارە-پارە بولۇپ كېتەر لىۋان كېدىرلىرى.


سەن ئەلچى ئەۋەتىپ مېنى، يەنى پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى، لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن، شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى كىپارىس دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن. ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ چوڭ ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite