Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 14:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ كۈچىنى بىتچىت قىلدى، زوراۋان ھۆكۈمدارلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىلىرىنى سۇندۇردى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 14:5
12 Referans Kwoze  

بۇ خەلقنىڭ بوينىدىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ تاشلىغانسەن، يەلكىسىدىكى زۇلۇم تايىقىنى ۋە زالىملارنىڭ كالتىكىنى مىدياننى مەغلۇپ قىلغانغا ئوخشاش سۇندۇرۇپ تاشلىغانسەن.


بولىۋەرمەس ھۆكۈمرانلىق ھاسىسى پاسىقلاردا، ھەققانىيلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن بۇ زېمىندا، رەزىللەر ھۆكۈمرانلىق قىلسا ھەققانىيلار ئۈستىدە، ھەققانىيلارمۇ ئايلىنىپ كېتەر رەزىللەرگە.


«ئەي فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر: ‹بىزنى ئۇرىدىغان كالتەك سۇندى› دەپ، ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭلار! كېيىن چىققان يىلان كۆزەينەكلىك يىلاندۇر. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىلان تېخمۇ زەھەرلىك ئۇچار يىلاندۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئاسسۇرلار، سىلەر قەھرىمنىڭ كالتىكى، غەزىپىمنىڭ ھاسىسىدۇرسىلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دۇنيانى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن جازالايمەن، رەزىل ئادەملەرنى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلانغانلارنى پەسلەشتۈرىمەن. شەپقەتسىزلەرچە غادايغانلارنى يەرگە ئۇرىمەن.


سىلەر بابىل پادىشاھىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلسىلەر: بۇ زوراۋان قانداق تۈگەشتى-ھە! ئۇنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى قانداق ئاخىرلاشتى-ھە!


ئۇلار قەھر-غەزەپ بىلەن توختىماي ھۇجۇم قىلىپ ئەللەرنى يوقاتقان، خەلقلەرگە قەھر-غەزەپ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۇلارنى ھىسابسىز ئەزگەن.


ئاڭلىسىمۇ كىشىلەر ھەسىرەتلىرىمنى، لېكىن ھېچكىم تەسەللى بەرمەس ماڭا. پۈتۈن دۈشمەنلىرىم بولار شاد-خۇرام سېنىڭ سالغان كۈلپەتلىرىڭدىن بېشىمغا. كەلگەي سېنىڭ ۋەدە قىلغان ھۆكۈم كۈنۈڭ، ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش سالغايسەن ئازابقا.


ئۇلار قاچانغىچە تورىنى تاشلاپ، ئەللەرنى داۋاملىق رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىدۇ؟


يوقسۇللارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھۆكۈمدار، ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ئوۋ ئىزدەپ يۈرگەن ئېيىققا ئوخشار.


ئى خۇدا، سەن خەلقنى كۆپەيتكەنسەن. سەن ئۇلارغا كۆپ خۇرسەنلىك ئاتا قىلغانسەن، ئۇلار سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا شادلىنىدۇ، خۇددى ھوسۇل ئالغاندا شادلىققا تولغانغا ئوخشاش، خۇددى ئولجىلارنى بۆلۈشكەن چاغدا شادلىققا چۆمگەنگە ئوخشاش.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite