28 پادىشاھ ئاخاز ئۆلگەن يىلى پەرۋەردىگاردىن بۇ ۋەھىي كەلدى:
ئاخاز ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى خىزكىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى:
ئاخاز ۋاپات بولۇپ، يېرۇسالېم شەھىرىدە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى. ئوغلى خىزكىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
ئۇززىيا پادىشاھ ۋاپات بولغان يىلى، مەن كۆكتە يۈكسەك تەختتە ئولتۇرغان ئىگەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ لىباسىنىڭ ئېتىكى ئىبادەتخانا ئىچىگە تولغانىدى.
يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياسىتىپ، ساختا ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلىپ، ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «فىلىستىيەلىكلەر ئەسىرلەردىن بېرى كۆڭۈللىرىدە ساقلاپ كەلگەن كونا ئۆچ-ئاداۋەتلىرى بىلەن يەھۇدىيەلىكلەردىن ئۆچ ئالماقچى ۋە ئۇلارنى يوقاتماقچى بولۇشتى.
ئاشقىلون خەلقى بۇنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىدۇ. گازا خەلقىمۇ، ئازابتىن تولغىنىدۇ. ئەقرون خەلقىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. گازانىڭ پادىشاھى ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئاشقىلون ئادەمسىز قالىدۇ.