Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 14:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 بۇ مېنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە قىلغان ئىرادەم. مېنىڭ قولۇم پۈتكۈل ئەللەرگە سوزۇلدى.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 14:26
9 Referans Kwoze  

بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى. ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى. يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى.


شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى قوزغالدى، ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ، جەسەتلەر خۇددى ئەخلەتكە ئوخشاش، كوچىلاردا ياتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


ئوڭ قولۇڭنى سوزغانىدىڭ، زېمىن يۇتتى رەقىبىڭنى.


كىشىنىڭ كۆڭلىدە پىلان كۆپتۇر، لېكىن ئەمەلگە ئاشىدىغىنى پەرۋەردىگارنىڭ مەقسىتىدۇر.


پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە. ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.


خۇددى سۇ ئۈزگۈچى سۇنى ئالقىنىدا باسقىنىدەك، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى يەرگە باسىدۇ.


پەرۋەردىگار شىمالدىكى ئاسسۇرىيەگە قارشى قول كۆتۈرۈپ، نىنەۋى شەھىرىنى قاقاس چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ.


پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا بىر غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق مەن يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ قولۇمدىكى قەدەھنى ئالغىن، بۇ قەدەھ غەزىپىم شارابىغا تولغاندۇر. سېنى ئەۋەتىدىغان ئەللەرگە بۇ قەدەھتىكى شارابتىن ئىچكۈزگىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite